UyghurWiki
UyghurWikiئاڭساۋاتسىزلار ئەڭ كۆپ دۆلەت

ساۋاتسىزلار ئەڭ كۆپ دۆلەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر <ئاددىي ماقالىلارنىمۇ ئوقۇيالمايدىغان> ياكى <خەت - چەك يازالمايدىغان ۋە ئوقۇيالمايدىغان> كىشىلەر ساۋاتسىز، دەپ ئاتىلىدۇ. ساۋاتسىز دېگەن سۆزگە بېرىلگەن تەبىر بىردەك بولمىغانلىقتىن ھەمدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ساۋاتسىزلار سانىنى توغرا مۆلچەرلەش ناھايىتى قىيىن. 1961 - يىلدىكى مۆلچەرگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە 15 ياش ۋە 15 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئىچىدە ساۋاتسىزلار 39.3% نى تەشكىل قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1969 - يىلدىكى مۆلچەرگە قارىغاندا، ئىككى مىليارد 335 مىليون ياش قۇرامىغا يەتكەن ئادەم ئىچىدە 810 مىليون ساۋاتسىز بولۇپ، 34.7% نى ئىگەللىگەن. ئافرىقىدا ساۋاتسىزلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ياش قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ 81.5% تى ساۋاتسىز ئىكەن. نېگىر جۇمھۇرىيىتىدە يېقىندىن بۇيانقى ساۋاتسىزلارنىڭ نىسبىتى 99.1% ئىكەن. 1972 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ساۋاتسىزلىقىنى تۈگىتىش كۈنىدە ئېلان قىلغان سانلىرى تۆۋەندىكىچە: 1970 - يىلى، ئۈچ مىليارد 600 مىليون نوپۇس ئىچىدە، 783 مىليون ساۋاتسىز بولۇپ، بۇ 15 ياشتىن يۇقىرى ياش قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان. ئافرىقىدا 73.7% ئادەم ساۋاتسىز ئىكەن. ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ساۋاتسىزلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 73% نى تەشكىل قىلىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ