UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى ئوق - يا

ئەڭ دەسلەپكى ئوق - يا

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ دەسلەپكى ئوق - يانى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز بۇنىڭدىن 28 يىل بۇرۇن ياسىغان. ئازاتلىقتىن كېيىن شەنشى ئۆلكىسىدىكى ساڭگەن دەرياسىنىڭ تارمىقى شىيۈي دەرياسى بىلەن شياۋچۈەن دەرياسى قوشۇلغان جايدىكى 10000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كىچىككىنە بىر دۆڭلۈكنىڭ يەر قاتلىمىدىن «شيۈيلىقلار» دەپ ئاتىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ياستۇق سۆڭىكىنىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يەنە بىر تۈركۈم مەدىنىي يادىكارلىقلار تېپىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ناھايىتى سىپتائىشلەنگەن بىر خىل كىچىك يا ئوقىنىڭ تاش ئۇچى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى نېپىز سوزۇنچاق تاشتىن ياسالغان. ئۇنىڭ ئۇچىمۇ، ئىككى بىسىمۇ ناھايىتى ئۆتكۈر. بۇ خىل تاش ئوق يا ئوقلىرىدا بولىدىغان ئۆتكۈر بولۇش، ئۇچلۇق بولۇش ۋە ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كېلىش دېگەن ئۈچ ئامىلغا ناھايىتى مۇۋاپىق ياسالغان. شۇڭا ئۇنى يا ئوقىنىڭ ئۇچى دېيىشكە بولىدۇ. يا ئوقى ئۇچىنىڭ قارشى تەرىپى (ئاستى قىسمى ) نىڭ ئىككى يېنى بىر ئاز ئويمان بولۇپ، يا ئوقىنىڭ سېپىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەرگە يائوقىنىڭ تاياقچىسى ئورنىتىلغان بولسا كېرەك. بۇنىڭدىن شيۈيلىقلارنىڭ تاش بىلەن ياسالغان ئوق - يالارنى ئىشلەتكەنلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇنداق يائوقى بۈگۈنكى كۈندە بەك قوپال كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئىشلەنگەنلىرى ھازىرغا قەدەر تېخى تېپىلغىنى يوق. ئوق - يا پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن، ئىنسانلارنىڭ قورال - سايمانلىرى بىر قەدەر ئاددىي بولغان؛ ئوق - يانىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ مۇرەككەپ قوراللارنى ئىشلىتىشىكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئوق - يا ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە تېخنىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئالغا باسقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى. ئۇنى يىراققا ئاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ دەلىلىك نىسپىتى يوقۇرى بولىدۇ. ئۇ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، شۇڭا ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە قارشى كۈرەش قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. ( دېڭ ۋېيجى)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ