بىر قېتىملىق ئەڭ پاجىئەلىك قورشاۋ
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1941 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 1944 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگىچە گېرمانىيە ئارمىيىسى لېنىنگرادنى 880 كۈن قورشىۋالغان. بۇ، دۇنيا بوڭيىچە ئەڭ پاجىئەلىك قورشاۋ ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ كونسېرۋاتىپلىق بىلەن مۆلچەرلىگەندىمۇ، بۇ قېتىمقى قورشاۋدا ھەربىي ۋە ئاھالىلاردىن بولۇپ تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆلگەن.
مىلادى 1674 - يىلدىن 1700 - يىلىغىچە ماراكەشنىڭ سېوتا شەھىرى، ئىسمىر پادىشاھىنىڭ قول ئاستىدىكى ماۋرېسلىقلار تەرىپىدىن 26 يىل قورشىۋېلىنغان. بۇ، ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر قېتىملىق قورشاۋ ھېسابلىنىدۇ.