UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ تېز پويىز

ئەڭ تېز پويىز

دۇنيادىكى ئەڭلەر پەن - تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، پويىزنىڭ تېزلىكىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز ماڭىدىغان ئېلېكتر پويىزىنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 200 كىلومېتىردىن ئاشتى. ۋەھالانكى، بۇنداق پويىز رېلىستا ماڭىدۇ، سۈركىلىش كۈچىگە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تېزلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش بىر قەدەر قىيىن بولماقتا. شۇڭا، كىشىلەر قاتناش - ترانسپورتنىڭ كۈن ساناپ ئۆسۈۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىر خىل «ئۇچىدىغان پويىز» نى لايىھىلەشنى خېلى بۇرۇنلا ئويلاپ كەلگەنىدى. دۇنيا بويىچە تۇنجى سىناق تەرىقىسىدىكى «ئۇچىدىغان پويىز» _ ماگېنتلىق لەيلىمە پويىز ئاخىر 1972 - يىلى دۇنياغا كەلدى. يەنە بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ خىل ماگېنتلىق لەيلىمە پويىز ھازىر ئەمەلىي ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىرىشكە يۈزلەندى، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 507 كىلومېتىرغا يەتتى. بۇ پويىز ھازىر دۇنيا بويىچە تېزلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان قۇرۇقلۇق قاتناش - ترانسپورت قورالى بولۇپ قالدى. مۆلچەرلىنىشچە، بۇخىل پويىزنىڭ سائەتلىك تېزلىكىنى 550 كىلومېتىرغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ماگېنتلىق لەيلىمە پويىز يۇقىرى تېزلىكتە ماڭغاندا ھاۋانىڭلا قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. بۇ پويىز ئېلېكتر كۈچى بىلەن ماڭغاچقا، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقام بۇ خىل پويىز سۈرئىتى تېز، مېڭىشى سىلىق، ئۇزۇن ۋە قىسقا يوللارغا قاتناشقا ئەپلىك، توك سەرپىياتى تۆۋەن، كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ياسىلىش باھاسى ئەرزان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە. ھازىر ئالىملار يەنە مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىشماقتا: ئەگەر ماگېنتلىق پويىز ۋاكۇئۇملۇق تۇرۇبىدا ماڭغۇزۇلسا، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى يەڭگىلى بولىدۇ، بۇنداق پويىزنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 1600 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇ چاغدا كىشىلەر ئايروپىلانغا چۈشمەي، بىخەتەر ۋە ئازادە بولغان، ئاۋازدىن تېز ماڭىدىغان مۇشۇنداق يەر يۈزى پويىزىغا چۈشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ تېز پويىز | UyghurWiki | UyghurWiki