UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ پۇتبول مەيدانى

ئەڭ چوڭ پۇتبول مەيدانى

دۇنيادىكى ئەڭلەر برازىلىيىدىكى ماراكانا پۇتبول مەيدانى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پۇتبول مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. ماراكانا پۇتبول مەيدانى برازىلىينىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان رىو - دې - ژانېيرونىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ رەسمىي نامى كىچىك مارىو تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ، تەنتەربىيە مەيدانىنى قۇرۇش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئاخبارات خادىمى كىچىك مارىونى خاتىرلەش يۈزىسىدىن شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. پۇتبول مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى 1948 - يىلى ئاۋغۇستتا باشلىنىپ، 1950 - يىلى ئىيۇندا پۈتكەن. ئۇنىڭ پۈتۈن قۇرۇلۇشى ئېللىپىس شەكلىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 940 مېتىر، ئېگىزلىكى 32 مېتىر كېلىدۇ. ئىچكى قىسمىدا ھەرخىل قۇرۇلمىلار تولۇق بولۇپ، مەيداندا جەمئىي 155 مىڭ كىشىلىك ئورۇن، 300لوژا، ئوتتۇز ئورۇندا ئاۋاز بېرىش بۆلۈمى بەش ئورۇندا تېلىۋىزور ئارقىلىق ئاڭلىتىش بۆلۈمى، 220 مىكرافون، 110 تېلېفون تارماق ئاپاراتى، 75 دانە ۋاقىت خاتىرلىگۈچ سائەت ۋە 70 دانە سىگنال بېرىش ئەۋابى بار. يەنە 46 بوفېت، بىر چوڭ ئاشخانا ھەمدە تەنھەركەتچىلەر ياتىقى، كىيىم يۆتكەش ئۆيى، كېسەلخانا ، ئۇۋىلاش بۆلۈمى ۋە مۇسكۇلنى داۋالاش قاتارلىق قۇرۇلمىلار بار. دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كىچىك مارىو پۇتبول مەيدانىنى قۇرۇلۇشى برازىلىيە پۇتبول ھەركىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. توپ مەيدانى قۇرۇلغان يىلى دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن توختىلىپ قالغان دۇنياۋى لوڭقا تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، شۇ يىللىق دۇنياۋى لوڭقا تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى يېڭىلا پۈتكەن ماراكانا پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقە باشلانغان كۈن مىسلىسىز داغدۇغىلىق ئۆتكەن. تاماشىبىنلار 200 مىڭدىن ئېشىپ، تەييارلانغان ئورۇنغا سىغماي قالغان. ماراكانا پۇتبول مەيدانىدا برازىلىيىنىڭ بېلى، گارىنشا، سوبۇ، مورې قاتارلىق داڭلىق پۇتبولچىلىرى دائىم ئاجايىپ توپ تېخنىكىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەملىكتىمىزدىكى پۇتبول ساھەسىدىكىلەر ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا تونۇش بولغان توپ سەردارى بېلى مانا مۇشۇ يەردە يۇگۇسلاۋىيىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپنى ناھايىتى ئەپلىك تېپىپ، ئۆزىنىڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقاندىن بۇيانقى 1000 - توپىنى كىرگۈزدى. بۇ، دۇنيا بويىچە پۇتبولچىلار ئارىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن رىكورد بولدى. شۇنداقلا بىرازىلىيە پۇتبول تارىخىنىڭ ۋە ماراكانا پۇتبول مەيدانىنىڭ پەخىرلىنىشىگە ئەرزىيدىغان رىكورد بولدى. 1970 - يىلى ماراكانا پۇتبول مەيدانىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقۇرى پەللىگە يەتتى. بۇ مەيداندا مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە جەمئىي 214 مەيدان مۇسابىقەئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە ھەپتىسىگە تەخمىنەن تۆت مەيداندىن كۆپرەك ئۆتكۈزۈلدى. ماراكانا پۇتبول مەيدانى ھازىرغا قەدەر 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك تاماشىبىنلارنى كۈتۈۋالدى.(فېڭ ۋېيبىن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ