UyghurWiki
UyghurWikiئاڭسۇ ئەڭ قىممەت مەملىكەت

سۇ ئەڭ قىممەت مەملىكەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر كۇۋەيت دۇنياغا مەشھۇر نېفىت ماكانى. ئۇنىڭ پايتەختى كۇۋەيت شەھىرىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا غەلىتە ياسالغان ئۇچلۇق ئۈچ مۇنار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ مۇنارلار ئەمەلىيەتتە سۇ مۇنارى بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ گۈمبىزىدە 3000 توننىدىن ئارتۇق تاتلىق سۇ ساقلىنىدۇ. كۇۋەيتنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ باشقا شەكىلىدىكى سۇ مۇنارلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار غايەت زور موگۇغا ئوخشايدۇ، ھەربىرىدە 5200 توننىدىن تاتلىق سۇ ساقلىنىدۇ. كۇۋەيتتە نېفىت كۆپ، ئەمما سۇ ئىنتايىن كەمچىل. پۈتۈن مەملىكەتتە يا دەريا، يا كۆل يوق. مەملىكەت زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى قۇملۇق قاپلاپ تۇرىدۇ. ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران 110 مىللىمېتىرغىلا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يامغۇر سۈيى ئاساسەن قىش پەسلىگە مەركەزلەشكەن. كۇۋەيتنىڭ ئىقلىمى ئىنتايىن قۇرغاق. قۇدۇق قېزىش تەس بولغانلىقتىن، قېزىلغان بىرەر قۇدۇقتىن تاتلىق سۇ چىقىپ قالسا پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرەتتى. نوپۇس كۆپەيگەنسېرى، قۇدۇق سۈيى ئېھتىياجنى قاندۇرالماي، چەتئەللەرنىڭ كېمە بىلەن سۇ توشۇشقا توغرا كەلگەن. بۇنداق شارائىتتا، كۇۋەيت سۇ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. 1975 - يىلىغا كەلگەندە مەملىكەت بويىچە دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى كۈنىگە 280 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئوندىن بىرىنى تەشكىل قىلغان. ھازىر كۇۋەيتنىڭ ئاھالىسى بىر مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا تاتلىق سۇ بىلەن تولۇق تەمىنلىنىپ كەلمەكتە. دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇشتا تەننەرخ ناھايىتى يۇقىرى توختايدۇ، بىر توننا تاتلىق سۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئۈچ كىلوۋات سائەت توك سەرپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭ تەننەرخى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 30 سىنتىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەقسىم قىلىش ۋە سېتىش ئۈچۈن كېتىدىغان سەرپىيات تېخىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، كۇۋەيت دۇنيا بويىچە سۇ ئەڭ قىممەت مەملىكەت بولۇپ قالغان. شۇنىسى قىزىقكى، كۇۋەيتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، دېڭىز سۈيىنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش تەننەرخىگە يېقىن كېلىدۇ. شۇڭا، كۇۋەيت ئىسمى - جىسمىغا لايىق «سۇ مايدىن قىممەت» مەملىكەت ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
سۇ ئەڭ قىممەت مەملىكەت | UyghurWiki | UyghurWiki