ئەڭ دەسلەپكى مۇزېي
دۇنيادىكى ئەڭلەر
مسىر پادىشاھى پتولېمېي سۇت مىلادىدىن ئىلگىرى 300 - يىلى ئىسكەندەرىيە شەھىرىگە سالدۇرغان «مۇزېي» دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى «مۇزېي» ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپتە ئۇ يۇنان ئىلاھىيىسى مىيۇسقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىبادەتخانا بولۇپ، ئۇنىڭغا قوشۇپ ساراي سېلىنغانىدى. سارايدا راھىبلار ھۇجرىسى، دەرسخانىدىن باشقا يەنە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر باغچىلىرى بار ئىدى، ئۇنىڭدا ئاسترونومىيە ۋە تېبابەتچىلىككە ئائىت ماتېرىياللار، گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى، ئاز ئۇچرايدىغان بۇيۇملار ساقلىناتتى ھەمدە بۇ يەردە ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ئىختىساسلىق خادىملار يېتىشتۈرۈلەتتى، ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللەنگەن دەۋرگە كەلگەندە، رىمنىڭ بىر قىسىم غەنىيمەتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي خاتىرە بۇيۇملىرىمۇ مۇشۇ ئىبادەتخانىغا قويۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى دەۋرلەردىكى پادىشاھلار، بەگلەر، ئاقسۆڭەكلەر، ئالىملار، بايلار بەس - بەستە كلاسسىك كىتابلار ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى توپلاشتى. ئوتتۇرا ئەسىردە دىنىي جەمئىيەتلەر ۋە راھىبلارنىڭ تەسىرى كۈچەيدى، بەزى بايلار ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئۆزلىرى توپلىغان نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى دىنىي جەمئىيەتلەرگە ۋە ئىبادەتخانىلارغا ئىئانە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇڭا چېركاۋلارمۇ «مۇزېي» رولىنى ئوينىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پاپا تەسىس قىلغان «ۋاتىكان گۈزەل سەنئەت سارىيى» 1503 - يىلى رەسمىي رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ ساراي مۇزېي خاراكتېرىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن سىرتقا ئېچىلمىدى. شۇڭا ئۇنى رەسمىي مۇزېي ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. 17 - ئەسىرگە كەلگەندە، ھەقىقىي مۇزېيلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ئاھىملىن مۇزېيى سىرتقا رەسمىي ئېچىلغان ئەڭ دەسلەپكى مۇزېي ھېسابلىنىدۇ. لوندون قېشىدىكى ئوكسفورد شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى گۈزەل سەنئەت ئارخېئولوگىيە مۇزېيى ئەنە شۇ مۇزېيدۇر. بۇ مۇزېي 1675 - يىلى قۇرۇلغان. 1683 - يىلى سىرتقا ئېچىلىپ، تارىختا سىرتقا ئېچىلغان ئەڭ دەسلەپكى مۇزېي ھېسابلىنىدۇ.