ئەڭ چوڭ گىلەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ چوڭ گىلەم - ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىدىكى ھاشىمنىڭ ئالتۇن جىيەكلىك يىپەك گىلىمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 91 مېتىر، كەڭلىكى 55 مېتىر كېلىدكەن.
ھازىرقى ئەڭ چوڭ گىلەم - ئامېرىكىنىڭ نيويورك شەھىرى سوليوم كۆرگەزمە زالىدىكى گىلەم بولۇپ، چوڭلۇقى 8175 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ، 1956 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاپتوموبىل كۆرگەزمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ چوڭ گىلەم تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن.