UyghurWiki
UyghurWikiئاڭمېنىرالنى بۇلاق سۈيى ساتىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت

مېنىرالنى بۇلاق سۈيى ساتىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر فرانسىيە گار ئۆلكىسىنىڭ نىمېس شەھرىگە يېقىن يەردىكى <پېرىيو> بۇلاق سۈيى شىركىتى، دۇنيا بويىچە مېنىرالنى بۇلاق سۈيى ساتىدىغان ئەڭ چوڭ شىركەت ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 1 مىليارد 800 مىليون بوتۇلكا بولۇپ، بۇنىڭ 340 مىليۇن بوتۇلكىسى پېرىيو بۇلىقىدىن، 640 مىليون بوتۇلكىسى كانچىكسىۋال بۇلىقىدىن كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ شىركەت 1974 - يىلى 28 مىليون فرانك پايدا ئالغان. فرانسىيىدە مېنىرالنى بۇلاق سۈيىنىڭ يىللىق ئىستىمال قىلىنىش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا 50 لېتىردىن توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ