باھاسى ئەڭ يۇقۇرى قونچاق
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ۋېكتورىيە ۋە ئاربات مۇزىيىغا قويۇلغان «قونچاق ۋە ئويۇنچۇقلار» كۆرگەزمىسى خۇددى «كىچىك ئادەملەر دۆلىتى» دەك بىلىنىدۇ. بۇ كۆرگەزمە بويۇملىرى نۇرغۇنلىغان شوخ ئۇماق بالىلارنى جەلىپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ بۇ يەرگە كىرسە قونچاقلارغا قىزىقىپ كۆرگەزمىدىن چىقىپ كەتكۈسى كەلمەيدۇ. بۇ قونچاقلار ئائىلىسىگە 17 - ئەسىردىن 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىغىچە بولغان تۈرلۈك قىممەتلىك ئۇماق قونچاقلار توپلانغان. شۇنىڭدەك قونچاقلارنىڭ تۇرار جايى، ئۆي جاھازلىرى، سايمانلىرى، كىيىم - كېچەكلىرى ۋە ئۆي ئىچىنىڭ بېزىلىشى قاتارلىقلار ھەرقايسى تارىخىي دەۋرىنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئەينى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ تۇمۇش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن. دېمەك، بۇلار ئاجايىپ بىر تارىخىي رىئاللىقنىڭ تەسۋىرىگە ئايلانغان. قونچاقلار ئەنگىلىيىدە 17 - ئەسىردە تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا بۇنداق قونچاقلارنى ياساشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، مودىلىق كىيىندۈرۈلگەن قونچاقلار دەسلەپتە ئېسىلزادە خېنىملارنىڭ ئۆيىگە تىزىلىپ قويۇلغان ، كېيىن بارا - بارا بايۋەچچىلەرنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قالغان.
بۇ مۇزىيدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان «گېرتسوگ ئەر - خوتۇن كىلاپاملار» دېگەن بىر جۈپ قونچاق 17 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياسالغان بولۇپ، ئەنگىلىيىلىك ئۇستىلار گېرتسوگ ئەر - خوتۇن كىلاپاملارنى ئۈلگە قىلىپ، ئالدى بىلەن گەۋدىسىنى ياغاچتىن ياسىغان، ئاندىن كېيىن بوياق بىلەن قاش - كۆزىنى سىزغان. ئىككى قوۋزىنى قىزغۇچ قىلىپ پەردازلىغان. ئاندىن ئەينى زاماندىكى رەختلەر بىلەن گېرتسوگ چاپىنى، ئىشتىنى، ئاياغ كىيىمى، پايپاقلىرىنى ۋە «خانىم» نىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈگەن. قونچاقنى ياساپ جابدۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەئەينى ئەر - خوتۇن گېرتسوگنىڭ ئۆزى بولۇپ چىققان.
بۇ قونچاق ئەينى زاماندىكى رىئال ئەھۋالنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن ھەمدە رەسىملىك قىممىتىگە ئىگە بولغان، شۇڭا بۇ ناھايىتى قىممەتلىك بىر جۈپ قونچاق ھېسابلىنىدۇ.
ۋېكتورىيە ۋە ئاربات مۇزىيى 1974 - يىلى 19 - ئاپرېلدا لوندوندىكى سوسبى ناملىق كىم ئاشىدۇ قىلىپ سېتىش سودا پېرمىسىدىن «ۋىلھېلىم بىلەن مارى» دېگەن بىر جۈپ قونچاقنى 36800 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. بۇ قونچاق ھازىرقى ۋاقىتتا باھاسى ئەڭ قىممەت قونچاق ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ بىر جۈپ قونچاقنىڭ ئېگىزلكى 56 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇمۇ ياغاچتىن ياسالغان، ئۈستىگە كىيىم كىيدۈرۈلگەن، يۈزى پەردەزلەنگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «ۋىلھېلىم بىلەن مارى» بەلكىم «گېرتسوگ ئەر - خوتۇن كىلاپاملار» بولسا كېرەك، لېكىن ئەمىلىيەتتە، زادى شۇنداقمۇ - ئەمەس بۇنى ۋېكتورىيە ۋە ئاربات مۇزىيى ئىسپاتلىسۇن. (دىڭ يىجۇڭ)