UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن خۇسۇسىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى سېتىش ئەنزىسى

تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن خۇسۇسىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى سېتىش ئەنزىسى

دۇنيادىكى ئەڭلەر فرانسىيىنىڭ رونا دەرياسى بويىدىكى سېنىن لوئىستا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىكلەر خۇسۇسىيلارنىڭ ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى يۆتكەش ئەنزىسى ھېسابلىنىدۇ. 1971 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈچ نەپەر ئەر كىشى ئېغىرلىقى 31.5 توننا كېلىدىغان مورفىن، ئەپيۇن، خىروئىن ۋە ساپ ھىندىستان نەشىسى قاچىلانغان قاپلارنى قېيىققا توشۇۋاتقاندا قولغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىدا قىممىتى 360 مىليون فرانك بولىدىغانلىقى مۆلچەر قىلىنغان. 1972 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مارسېلنىڭ <ئۆزگىرىشچان بۇلۇت> ناملىق بېلىقچىلار كېمىسىدىن 425 كىلوگرام ساپ خىروئىن قولغا چۈشۈرۈلگەن. ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى 489 مىليون 600 مىڭ فرانك ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ