UyghurWiki
UyghurWikiئاڭموتسىكلىت بىلەن ئەڭ يىراققا سەكرەش

موتسىكلىت بىلەن ئەڭ يىراققا سەكرەش

دۇنيادىكى ئەڭلەر موتسىكلىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر خىل پائالىيەت بولۇپ، سەكرەش تاختىسى ئارقىلىق قاتار توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلار ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتىدۇ. بۇنىڭدا سەكرەپ ئۆتكەن ماشىنىلارنىڭ سانىغا قاراپ نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ماشىنىلارنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، يەنىلا موتسىكلىتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنغا سەكرىگەنلىكى بويىچە نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. 1977 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئالائىن پىرېئور (1939 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تۇغۇلغان) مونتېر رېيدا موتسىكلىت مىنىپ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 64.60 مېتىر كېلىدىغان 16 ئاپتوۋۇزنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ، موتسىكلىت بىلەن يىراققا سەكرەش بويىچە دۇنيا رېكورتى ياراتقان. 1979 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ ئۇستا موتسىكلىت ماھىرى ئىدى. جىد، موتسىكلىت مىنىپ بوشلۇقتا ئەڭ خەتەرلىك يىراققا سەكرەش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ، كەڭلىكى 80 ئېنگلىز چىسى (24.384) كېلىدىغان ماچىنچىنېر دەرياسىدىن سەكرەپ ئۆتكەن، بۇ چاغدا دەريا يۈزى بىلەن موتسىكلىت ئارىلىقىدىكى ئېگىزلىك 50 ئىنگلىزچىسى (15.36 مېتىر) كېلىدىكەن. 1971 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 41 ياشلىق توماس. گىلىد خىلل (پادىشاھ ئائىلىسى زەمبىرەك - موتسىكلىت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى) B.S.A - 441 ۋېكتورگىپ ماركىلىق موتسىكلىتنى مىنىپ، لوندوندىكى ۋولۋىچتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە، 41 ئادەمنىڭ بېشى ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
موتسىكلىت بىلەن ئەڭ يىراققا سەكرەش | UyghurWiki | UyghurWiki