UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ قىممەت باھالىق روژدېستوۋ بايرىمى سوۋغىتى

ئەڭ قىممەت باھالىق روژدېستوۋ بايرىمى سوۋغىتى

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1971 - يىلى ئامېرىكىنىڭ داللاس شەھرىدىكى نېمان. ماركوس تۈرلۈك ماللار ماگىزىنى، خېرىدارلارغا <تېز سۈرئەتلىك تاشيولدىكى قەلئە> ناملىق مال باھا جەدۋىلىدە، ھەممىدىن ئەڭ قىممەت بىر دانە روژددېستۋۇ بايرىمى سوۋغىتىنى تونۇشتۇرغان. بۇ سوۋغاتنىڭ شەكلى ئالاھىدە، باھاسى 845 مىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ماشىنا. ئەمما ئۇنىڭغا ناھايىتى نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنى ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق قوش لېنزا يېپىق شەكىللىك كىنوغا ئېلىش ئاپپاراتى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق پىرىسكوپ، كۆرۈش دائىرىسى 360 گىرادۇسلۇق سۈزۈك ئەينەك كەپىنكە، تېلېفوتوگرافىيىلىك پىرىسكوپ، رادار، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى، تېز سۈرئەتلىك يول كۆرسەتكۈچى، <توختىتىش> ۋە <ئەڭ يېقىن> نى كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى، يەڭگۈشلەيدىغان بالونلار، زەنجىر تاپان، باشقا ماشىنىلارنىڭ شوپۇرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغان يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي، ھەرخىل يەر يۈزىدە تۇراقلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى، يەل قاچىلانغان سىلكىنىشتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىسى ۋە يۇمشاق ئورۇندۇقلۇق سىلكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ قىممەت باھالىق روژدېستوۋ بايرىمى سوۋغىتى | UyghurWiki | UyghurWiki