UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كۆپ خەت يېزىلغان دۆلەت بايرىقى

ئەڭ كۆپ خەت يېزىلغان دۆلەت بايرىقى

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۆلەت بايرىقى دۆلەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ۋە سىزما نۇسخىسى مەلۇم مەنىگە ئىگە. دۆلەت بايرىقىدا ئادەتتە سىزما نۇسخىلار بولىدۇ. خەت ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت بايرىقى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇنىڭدا خەت بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا بويىچە خەت ئەڭ كۆپ. بۇ دۆلەت بايرىقى يېشىل تاۋاردىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۈستىگە ئاق رەڭدە «لاالەالا اللەمد رسول اللە» (بىر ئاللادىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسىدۇر) دېگەن ئىمان كەلىمىسى يېزىلغان. بۇ بايراق مۇشۇ دۆلەتنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسلام دۆلىتىنىڭ بايرىقى ئىكەنلىكىنى بىر قاراش بىلەنلا بىلگىلى بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت بايرىقى مۇشۇ سەۋەبتىن ئەزەلدىن يېرىم چۈشۈرۈلمىگەن. ئەرەب يېزىقىنىڭ ئاستىغا زۇلپىقار سىزىلغان بولۇپ، غازات ۋە قوراللىق كۈچنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى دۆلەت بايرىقى ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. (جىڭ مىڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ كۆپ خەت يېزىلغان دۆلەت بايرىقى | UyghurWiki | UyghurWiki