ئەڭ چوڭ كۆل
دۇنيادىكى ئەڭلەر
يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ كۆل _ كاسپىي دېڭىزى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە جەنۇبىنى كاۋكاز تاغ تىزمىسى بىلەن ئېلبۇرس تاغ تىزمىسىنىڭ بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قارلىق چوققىلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، قالغان ئۈچ تەرىپى بىپايان تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت. كاسپىي دېڭىزى قەدىمكى زاماندا كاۋكازنىڭ شەرقىدە ئولتۇراقلاشقان بىر قەبىلە - كاسىپلارنىڭ نامى ئاتالغان.
كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى «S» شەكلىدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 320 كىلومېتىر، كۆل قىرغىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7 مىڭ كىلومېتىر، كۆلىمى 371 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆل بولغان سۇپېرىئور كۆلى كۆلىمىنىڭ 4.5 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدىن %51 چە چوڭ. ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئېشىپ بارىدۇ، شىمالىي قىسمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئومۇمەن 4 - 8 مېتىر، ئوتتۇرىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 170 - 788 مېتىر كېلىدۇ، جەنۇبىي قىسمىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 1025 مېتىرغا يېتىدۇ. پۈتۈن كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 184 مېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي زاپاس سۈيى 76 مىڭ كۇب كىلومېتىر بولۇپ، بايقال كۆلى ياكى بالتىق دېڭىزىدىكى زاپاس سۇنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.