خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۇنجى ئايال رەئىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
خەۋپسىزلىك كېڭىشى - بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتا ئەمەلىي ئىش كۆرىدىغان بىردىن بىر ھوقۇقلۇق ئورگىنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە ئون غەيرىي دائىمىي ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان. بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت مۇنۇلار: جۇڭگو، فرانسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا. غەيرىي دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنى سايلايدۇ. بۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، ھەر يىلى بەش دۆلەت ئۆزگەرتىپ سايلىنىدۇ. مۇددىتى توشقاندا، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ.
1974 - يىلى گۋېنىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە غەيرىي دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ سايلاندى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت نامىنىڭ ئىنگلىزچە ھەرپ تەرتىپى بويىچە ھەر ئايدا نۆۋەت بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، گۋېنىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى رەنامادان سىس بىر ئايلىق خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىر ئاي رەئىس بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دەسلەپكى ئايال رەئىسى بولۇپ قالدى.