تۇنجى كىرىستال لامپا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرىستال لامپا 1947 - يىلى دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ بېل تېلېفون تەجرىبىخانىسىدىكى شۇكېي، بادېن، براتان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۈستىدە كەڭ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا ياراتقان كەشپىياتى. تۇنجى كىرىستال لامپا زادى قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭدائىككى مېتال يىڭنە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ گېرمانىي پىلاستىنكىسى ئۈستىنى بېسىپ بىر - بىرىگە ناھايىتى يېقىن تۇرغان ئىككى تېگىشىش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. سو تەرەپتىكى رەسىمدە ئەنە شۇ دەسلەپكى كىرىستال لامپا كۆرسىتىلگەن. دەسلەپتە بادېن بىلەن براتان لايىھىلەپ چىققان كىرىستال لامپىنىڭ مودېلىدا، ئەڭ تەرەپتىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگنىدەك ، بىرلا ئۇچرىشىش نۇقتىسى بارئىدى. موم سۈركەلگەن بىر تال مېتال يىڭنە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ گېرمانىي پىلاستىنكىسىنىڭ يۈزىدە ئوكسىدلاشقان بىر قەۋەت پەردە ھاسىل بولىدۇ. ئۈستىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرغان ئېلېكتىر مەيدانى يىڭنە ئۇچىغا يېقىن تۇرغان گېرمانىي پىلاستىنكىسى ئۈستىدىكى يۈكلىمە ئېقىن قۇيۇقلۇقىنى كونترول قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يىڭنىنى گېرمانىي پىلاستىنكىغا ئاقىدىغان توكنى كونترول قىلىدۇ. ھۈنەر - سەنئەتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، بۇ خىل قۇرۇلما پەقەت چاستوتىسى سەككىز گېرتىستىن تۆۋەن بولغان سىگنالنى كۈچەيتىش رولىنىلا ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنى ئەمىلىي ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. كېيىن تەتقىقاتچىلار سۇ تامچىلىتىشنىڭ ئورنىغا ئۇششاق تۆشۈكلەر قالدۇرۇلغان ئالتۇن يالىتىلغان قەۋەتنى ئىشلەتكەن. تەجرىبىدە ئالتۇن قەۋىتى بىلەن گېرمانىي پىلاستىنكىسى ئوتتۇرىسىغا ئازراق ئو يۆلۈنۈشلۈك توك بېسىمى بېرىلسە گېرمانىي پىلاستىنكىسى ئارىسىغا ئازراق يۈكلىمە ئېقىم كىرىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن گېرمانىي پىلاستىنكىسىدىن مېتال يىڭنىگە ئۆتىدىغان توكنى زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقى كۈتۈلمىگەن ھالدا بايقالغان. كۈتۈلمىگەن كەشپىيات ئەمىلىي ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۇنجى كىرىستال لامپىنىڭ تۇغۇت ئانىسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن تەتقىقاتچىلار ئۆز لايىھىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇچرىشىش نۇقتىسىدىن يەنە بىرنى قوشقان. 1947 - يىلى 23 دېكابىردا تۇنجى كىرىستال لامپىنىڭ كۈچەيتىش قۇرۇلمىسى ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ سىگنالى ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ نەچچە يۈز ھەسسە چوڭايتىلغان. شۇنىڭ بىلەن تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىققان. 1949 - يىلى شۇڭلېي ئەڭ دەسلەپكى بۇ كىرىستال لامپىنىڭ ئىش قائىدىسىنى تەھلىل قىلىپ، يەنە n - p تۈگۈنىگە ئاساسلانغان. يەنە بىر خىل كىرىستال لامپا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1950 - يىلى تۈگۈنلۈك كىرىستال لامپا تۇنجى قېتىم ياسىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان كىرىستال لامپا ئەنە شۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈگۈنلۈك كىرىستال لامپا ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتىن تەدرىجى مۇكەممەللەشتى ھەمدە ئۆزىنىڭ چاققان، ئەرزان، ئىشەنچلىك بولۇشتەك ۋە ئەۋزەللىكى بىلەن ئېلېكتىر سايمانلىرى ئارىسدا بىرىنچى ئەۋلاد بولۇپ قېلىشتەك شان - شەرەپكە ئېرىشتى. بادېن، شوكلېي، براتانلار مۇشۇ نەتىجىسى ئارقىلىق 1956 - يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىت. (پەن يۇشىڭ)