UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتۇنجى تىڭشىغۇچ

تۇنجى تىڭشىغۇچ

دۇنيادىكى ئەڭلەر تىڭشغۇچ كىلىنكىلىق تىبابەتچىلىكتە ئىشلىتىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر بىر ئاتمىش نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. تىڭشىغۇچ دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى ، دوختۇرلار كۆكرەك پەردىسى، يۈرەك - ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى كېسەل ئادەمنىڭ كۆكرىكىگە قۇلىقىنى بىۋاستە تەككۈزۈپ تىڭشاش يولى بىلەن تەكشۈرەتتى. بۇ ئۇسسۇل سېمىز ئادەملەرنى تەكشۈرۈشتە كارغا يارىمايتتى. ھەتتا بۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئۆنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايتتى. 1816 - يىلى، فرانسىيىنىڭ مەشھۇر دوختۇرى لاننىكنىڭ كېسەللەر بۆلۈمىدە ياش سېمىز بىر ئايال ياتتى، لاننىڭ ئۇنى يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان دەپ گۇمان قىلسىمۇ، لېكىن قۇلىقىنى كۆكرىكىگە قويۇپ تىڭشاش يولى بىلەن ئىسپاتلىيالمىدى. بىر كۈنى لاننىك دوختۇرخانىغا پىيادە كېلىۋاتقان چېغىدا، كوچىدا بالىلارنىڭ ياغاچنىڭ بىر ئۇچىنى تورىگۈچ بىلەن غىداپ، ياغاچنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى زور ئىلھاملىنىدۇ. ئۇ دوختۇر‎خانىدىكى كېسەللەر بۆلۈمىگە تېز كېلىپ، قەغەز تاشلىق يۇپقا كىتابنى تېپىپ، ئۇنى سىلىندىر شەكلىدە يۆگەيدۇ، سىلىندىرنىڭ بىر ئۇچىنى كېسەل ئادەمنىڭ يۈرەك قىسىمىغا قويۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى قۇلىقىغا تۇتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى ئۇنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاۋاز قۇلىقىغا بىۋاستە يېقىن كېلىپ تىڭشغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئوچۇقراق ئاڭلىنىدۇ. لاننىكنىڭ بۇ كەشپىياتىنى تىڭشىغۇچنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مودىلى دېيىشكە بولىدۇ. لاننىڭ بۇ چاغدا 35 ياشتا ئىدى. كېيىن لاننىك داۋاملىق ئويلىنىپ ۋە تەجرىبە ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى ياغاچ تىڭشىغۇچنى لايھىيلەيدۇ ۋە ياسايدۇ. بۇ تىڭشىغۇچ تۇرۇبىسىمان بولۇپ، ئىچى كاۋاك ئىدى. ئۇزۇقلۇقى 30 سانتىمېتىر كېلەتتى. سىلىندىرنىڭ دىئامېتىرى ئۈچ سانتىمېتىر، تۇرۇبىنىڭ ئىچكى دىئامېتىرى بەش مىللىيمېتىر كېلەتتى. ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن، سىلىندىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككى بۆلەككە ئايرىغىلى بولاتتى. شۇ چاغدا لاننىك بۇ تىڭشىغۇچنى «كۆكرەك تىڭشىغۇچ»دەپ ئاتىدى. بۇ تۇرۇبىسىمان تىڭشىغۇچنىڭ كۆرۈنۈشى نەيگە ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن ، كىشىلەر ئۇنى «دوختۇر نېيى» دەپ ئاتايدۇ. مۇنداق ئەڭ دەسلەپكى تۇرۇبىسىمان ياغاچ تىڭشىغۇچ قورساقتىكى بالىنىڭ ھەركىتىنى ئاڭلاشتا مەلۇم ئەۋزەللىككە ئىگە بولغانلىقتىن، تۇغۇت بۆلۈمىدە ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىنمەكتە. مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇنىڭ رولى ئەينى يىللاردىكىدىن قېلىشمايدۇ. (فۇۋېيكاڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
تۇنجى تىڭشىغۇچ | UyghurWiki | UyghurWiki