UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كۆپ پوچتا ماركىسى توپلىغۇچى

ئەڭ كۆپ پوچتا ماركىسى توپلىغۇچى

دۇنيادىكى ئەڭلەر فېررادى لارونوتېرىې دۇنيا بويىچە ئۆز ئالدىغا ئەڭ كۆپ پوچتا ماركىسى توپلىغۇچى بولۇپ، ئۇ، 1925 - يىلى توپلىغان ماركىلىرىنى سېتىۋەتكەن. ئۇ يىغقان بۇ بىر تۈركۈم ماركىنىڭ قىممىتى مۆلچەرلىنىشىچە تەخمىنەن 500 مىليون فرانك بولغان. دۇنيا بويىچە دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئەڭ كۆپ ماركا توپلىغان لوندون مۇزېيخانىسىدۇر. بۇ مۇزېيخانا يەنە ئەنگلىيە پوچتا ئىشلىرى باش ئىدارىسىغا داۋاملىق ھالدا پوچتا ماركىسى توپلاپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. 1874 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قۇرۇلغان شىۋېتسارىيە جەنۋە خەلقئارا پوچتا ئىتتىپاقىمۇ پوچتا ماركىسى توپلىغان. بۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ماركا تارقاتقان ۋاقتىدا ھەر بىر خىلىدىن 400 نۇسخا ئەۋەتىپ تۇرىدىكەن. ئەمما خەلقئارادا شىۋېتسارىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىغىپ ساقلىغان پوچتا ماركىسى ئەڭ كۆپ بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ