ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەڭ دەسلەپكى ئۆسۈملۈكلەر سۇدا ئۆسكەن، كۆك - يېشىل يۈسۈنلەر ئەنە شۇلارنىڭ ئەجداتى بولۇپ، بۇنىڭدىن 3 مىليارد 500 مىليون ئىلگىرى ئۆتكەن ئەڭ قەدىمكى زاماندىلا تاشقا ئايلانغان. قۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلىرى ئۇنىڭدىن كۆپ كېيىن پەيدا بولغان، چۈنكى بۇ ئۆسۈملۈكلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلاردا يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماق ئايرىلغان بولۇپ، كۆپ ھۈجەيرىلىك ئانىلىق جىنسىي كۆپىيىش ئەزاسى ۋە تۆرەلمە بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە پەيدا بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇنچىۋالا مۇكەممەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەسىلەن، ئۇلاردا يوپۇرماق بىلەن يىلتىز كۆپىنچە ئانچە ئېنىق ئايرىلمايدۇ. بۇنداق ئۆسۈملۈكلەر تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان بولۇپ، خالتا ئۇچلۇق پاپورتنىكلار دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 مىليون يىل ئىلگىرىكى سىلۇر دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا يەر پوستىدا بىر قەدەر زور كۆلەملىك ئۆزگىرىش بولۇپ، چوڭ - چوڭ يېڭى قۇرۇقلۇقلار پەيدا بولغان. ئەسلىدە دېڭىز ساھىلىدىكى سۇ كۆتۈرۈلۈپ - پەسىيىپ تۇرىدىغان بەلباغلاردا ئۆسىدىغان بەزى يېشىل يۈسۈنلەر دېڭىز سۈيىنىڭ دائىم كىرىپ - چىقىپ تۇرۇشى بىلەن سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ياشايدىغان بولغان. بۇ چاغدا ئۇلار تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇققا چىققان ئۆسۈملۈك سۈپىتى بىلەن يېڭى قۇرۇقلۇققا چىققان. بۇلارنىڭ بەزى تۈرلىرى يېڭى مۇھىتقا ماسلىشالماي يوقىلىشقا يۈزلەنگەن، بەزى تۈرلىرى يېڭى مۇھىتتا ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاخىر ئىككى - ئۈچ مىليارد يىللىق سۇدا ياشاش مۇھىتىنىڭ ئاسارىتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، قۇرۇقلۇقتا قەد كۆتۈرگەن، خالتا ئۇچلۇق پاپورتنىكلار ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ، بۇلار ئەڭ بۇرۇن سىلۇر دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پەيدا بولۇپ، دېۋون دەۋرىگە كەلگەندە شىمالىي يېرىم شارنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ۋە ئاۋسترالىيىگە ناھايىتى تېز كېڭەيگەن.