پاراشوتسىز ئەڭ ئېگىزدىن سەكرەپ ئۆلمىگەن ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1942 - يىلى 1 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلويىش - 4 شەكىللىك ئايروپىلانى ھاۋا بوشلۇقىدا كېتىۋاتقاندا ئېغىر كاشىلا چىقىپ، ئۇچقۇچى ئېل. چىسوف 6700 مېتىر ئېگىزلىكتىن پاراشوتسىز سەكرەشكە مەجبور بولىدۇ. ئۇ قېلىن قار بىلەن قاپلانغان تاغ باغرىغا چۈشۈپ، ئۇ يەردىن جىرا ئىچىگە دومىلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ داس سۆڭىكى سۇنغان، ئۇمۇرتقىلىرى زەخمىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلمەيدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن پاراشوتسىز سەكرەپ ئۆلمەي قالغان ئادەمدۇر.
مۆلچەرلىنىشىچە ئادەم بەدىنى يۇقىرىدىن پەسكە چۈشۈشتە 573 مېتىر يەرگە كەلگەندە، يەنى 14 سېكۇنت ئۆتكەندە، ئەڭ تېز چەكلىك سۈرئەتنىڭ 99 پىرسەنتىگە يېتىدىكەن. بۇ ئەڭ تېز چەكلىك سۈرئەت، نورمال ئاتموسفېرا بېسىمىدا ائىتىگە 188 - 201 كىلومېتىر بولىدىكەن. ئەگەر ئادەم بوشلۇقتىن پەسكە شۇڭغۇپ چۈشۈۋاتقاندا، بېشى تۆۋەنگە قارىغان بولسا، ئەڭ تېز چەكلىك سۈرئىتى سائىتىگە 297 كىلومېتىر قاتناش شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ۋېسناۋۇلوۋىك خانىم (23 ياش) ئولتۇرغان ئايروپىلان 1972 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چېخوسلوۋاكىيىدىكى سېسكا مېنىس ھاۋا بوشلۇقىدا كاشىلا تۇغۇلۇپ، 10,160 مېتىر ئېگىزلىكتىن چۈشۈپ كەتكەن. كىشىلەر ئۇنىڭ ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق تەرىپىدە تىرىك قالغانلىقىنى كۆرگەن. ئاخىرى ئۇنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان.