يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسپىتى بويىچە ئەڭ
دۇنيادىكى ئەڭلەر
يامان سۈپەتلىك ئۆسمە - ئىنسانلار سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان كەلتۈرىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان كېسەللىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بولسۇن، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكىنىڭ نىسپىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. يامام سۈپەتلىك ئۆسمە سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدۇ. شاڭخەي ئاھالىسىنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى بويىچە ئېلىنغان ئىستاتىستىكىلىق ماتىرياللاردىن قارىغاندا، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بىلەن ئۆلۈش نىسپىتى ئاھالىنىڭ ئۆلۈش نىسپىتىدە بىرىنچى ئورۇننى ئېگەللىگەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ 1976 - يىلقى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۆت مىليارد ئاھالە ئىچىدە ھەريىلى بەش مىليونچە ئادەم يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى سەۋەبى بىلەن ئۆلىدىكەن. دېمەك، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەر ئالتە سېكۇنتتا بىر ئادەم يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى بىلەن ئۆلىدىكەن. 1975 - يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى بويىچە ئالغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى رايون غەربىي بېرلىن بولۇپ، بۇ رايوننىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسپىتى 335.6
غا يەتكەن. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسپىتى ئەڭ تۆۋەن رايون تايلاند بولۇپ بۇ رايوندا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسپىتى 13.3
بولغان. يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھاياتىغا ئاشۇنداق ئېغىر تەھىدىت سالغانلىقتىن، دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەرقايسى دۆلەتلەر يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى قاتتىق تەسىر قىلىپ، تىبابەتچىلىك تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم نۇختىسىنى ئۆسمە كېسەللىكگە يۆتكىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولىدۇكى، يېقىن كەلگۈسىدە ئۆسمە كېسەللىكىگە بولغان تونۇش ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا چوقۇم بىر يۈكسىلىش بولغۇسىدۇر. (جياڭ ۋېيچاڭ)