ئەڭ ئېگىز چوڭ كۆل
دۇنيادىكى ئەڭلەر
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاند تاغ تىزمىسىنىڭ قاتمۇ قات تاغ ۋە چوققىلىرى ئارىسىدا دۇنيا بويىچە داڭلىق ئېگىز تاغ كۆلى - تىتىكاكا كۆلى بولۇپ، پېرۇ بىلەن بولىۋىيە ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3812 مېتىر، كۆلىمى 8290 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ كۆل دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوڭ كۆل ھېسابلىنىدۇ. مەملىكتىمىزنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىمۇ نۇرغۇن كۆللەر بار. لېكىن بۇلارنىڭ كۆلىمى تىتىكاكا كۆلىنىڭ كۆلىمىدىن خېلىلا كىچىك. مەسىلەن: ئەڭ ئېگىز خورپاكۆلىنىڭ يۈز دېڭىز يۈزىدىن 5465 مېتىر ئېگىز بولسىمۇ، ئەمما كۆلىمى ناھايىتى كىچىك. تىتىكاكا كۆلى ئاند تاغلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولغان. بۇزور تاغ تىزمىسى كۆتىرلىپ چىققان چاغدا، بىر قىسىم جايلاردا بىر قاتار رىفتلار (يېرىقلار) تۆۋەنگە چۆككەن. تىتىكاكا كۆلى ئويمانلىقى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان تۈزۈلمە ئويمانلىقىغا جايلاشقان. تىتىكاكا كۆلى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 304 مېتىر كېلىدۇ (280مېتىر، 370 مېتىر كېلىدۇ دەيدىغان گەپلەرمۇ بار) ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 100 مېتىرغا يېتىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ ئومۇمىي ھەجىمى 380كۇب مېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كۆل - چىڭخەي كۆلىنىڭ ئون ھەسسىگە باراۋەر كېلىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئېگىز تاغ كۆللىرىنىڭ ھەممىسىلا تۇزلۇق كۆللەر، تىتىكاكا كۆلى بولسا تاتلىق سۇلۇق كۆل، سۇ تېمپىراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن، چۈنكى بۇ كۆلىنىڭ سۈيى ئەتراپىدىكى ئېگىز تاغلارنىڭ قار سۈيى بىلەن ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ كۆل سۈيىنىڭ مېنىراللىشىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقۇرى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنى ئىچىشكە بولىدۇ، كۆلدە بېلىق ۋە قىسقۇچ پاقىلار ناھايىتى كۆپ.
تىتىكاكا كۆلى رايونى قەدىمقى ھىندىئانلار مەشھۇر ئىنكا مەدىنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئەپسانە رىۋايەتلەر بار. كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈن ئارىلى بىلەن ئاي ئارىلى بولۇپ، بۇلار ئىلگىرى مۇقەددەس جاي دەپ قارالغان؛ كۆلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاۋاناكودا قەدىمىي شەھەرنىڭ خارابىلىرى تاھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ يەردە نۇرغۇن ئىنتايىن زور تاش ھەيكەل ۋە تاش تۈۋرۈكلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر قەدىمىي يادىكارلىق بولغان يامغۇر ئىلاھى «ۋىتىكېچا» نىڭ تاش ھەيكىلدۇر. كۆلىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، ئۇ سەيلە قىلىنىدىغان مەشھۇر مەنزىرىلىك جاي ھېسابلىنىدۇ.
ھازىر كۆل رايونىغا ئولتۇراقلاشقان ئايما ھىندىئانلىرى يەنىلا ئەنئەنۋى بېلىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرىدۇ. كۆل ئەتراپىدا دەل - دەرەخلەر بولمىغانلىقتىن، ئۇلار كۆلدىن چىققان قۇمۇش ۋە يىكەنلەردىن «توترا» دەيدىغان بىرخىل قېيىق ياساپ، ئۇنىڭ بېلەن بېلىق تۇتىدۇ ۋە سودا - سېتىق قىلىدۇ. ئىككى بېشى كۆتۈرۈلگەن. يېنىك چاققان بۇنداق قېيىق بىلەن كۆلدە يۈرۈپ سەيلە قىلىش تىتىكاكا كۆلىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىدۇ. (جاڭ شەنيۈي)