ئەڭ قىممەت باھالىق مېتال پۇل
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1974 - يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، سيۇرىخدىكى سودا ئورنىدا، 272 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئافېنانىڭ بىر دانە كۈمۈش پۇلى سېتىلغان. دراكمې ئافېنانىڭ ئاساسلىق پۇل بىرلىكى بولۇپ، بۇ بىر دانە كۈمۈش پۇل 10 دراكمېغا تەڭ كېلىدىكەن.
دۇنيادا بىرسىلا قالغان مېتال پۇل - مېتال پۇل توپلىغۇچىلارنىڭ توپلاش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدىكەن. 1873 - يىلى تارقىتىلغان ئۈستىدە <CC> خەت شەكلى بار ئامېرىكىنىڭ بىر مولۇق دىمې مېتال پۇلدىن (1/10 ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) پەقەت بىر دانىسىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ مېتال پۇل، مېتال پۇل توپلىغۇچىلارنى ھەممىدىن بەك جەلىپ قىلغان. چۈنكى ئۇلار بىر يۈرۈش قىلىۋېلىشنى ئويلايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىر مولۇق مېتال پۇل، دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت باھالىق مېتال پۇل بولۇپ قالغان.