UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھ

ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھ

دۇنيادىكى ئەڭلەر سۋازىلېندنىڭ پادىشاھى سوبۇزا II دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان پادىشاھلىقلار ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭ، ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق پادىشاھ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1899 - يىلى 22 - ئىيۇلدا تۇغۇلغان، دادىسى شۇ يىلى دېكابردا ۋاپات بولغان. شۇنىڭ بىلەن يېشى توشمىغان بوۋاق تەخت ۋارىسلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ چوڭ بولغۇچە مومىسى لابو تىبېنى مۇۋەققەت ئىش يۈرگۈزۈپ تۇرغان. سوبۇزا 1916 - 1919 - يىللىرى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ گېپتائۇن شەھىرىدىكى لوفدار ئىنىستىتۇتىدا تىرىشىپ ئوقۇغان. سوبۇزا 1921 - يىلى 22 - سېنتەبردە نەق 21 ياشقا توشقاندا رەسمىي تەختكە چىقىپ، سۋازىلېندنىڭ ئالىي تەربىيە كۆرگەن تۇنجى پادىشاھى بولغان، ئۇنىڭ پادىشاھ بولغىنىغا ھازىر 60 يىل بولدى. بۇ قېرى پادىشاھنىڭ «نگۋېنياما» دېگەن لەقىمى بار، بۇنىڭ مەنىسى «شىر» دېگەنلىك بولىدۇ، كىشىلەر ئۇنى سۋازىلېندنىڭ «شىرى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ 100 خوتۇنى بولۇپ، بۇلار ياش قۇرامى بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان 500 بالا تۇغقان. ئۇنىڭ ئانىسى خان ئانا لوماۋا ھازىر سالامەت بولۇپ، 100 ياشقا كىرگەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھ | UyghurWiki | UyghurWiki