زەھەرلىكلىكى زەھەرلىك يىلاندىن قېلىشمايدىغان تىكەنلىك بېلىق
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيادا زەھەرلىك بېلىقلارنىڭ تۈرى 1000 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ بېلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ گۆشىدە، بەزىلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا، بەزىلىرىنىڭ قېنىدا ۋە بەزىلىرىنىڭ تۇخۇمىدا زەھەر بولىدۇ. بۇنداق بېلىقلارنى يېگىلى بولمايدۇ. يەپ قويسا زەھەرلىنىدۇ. ئېغىرراق زەھەرلىنىش ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بەزى بېلىقلار باركى ئۇلارنىڭ قاتتىق تىكەنلىرىدە زەھەر بولۇپ، تىكىنى سانجىلىپ كەتسە، شۇ جاي قاتتىق ئاغرىيدۇ. ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ. زەھەرلىك تىكەنلىك بېلىقلارئارىسىدا گۈلسۇرۇقسىمان زەھەرلىك كۆك يۇيۇي بېلىقى زەھىرى ئەڭ كۈچلۈك بېلىق بولۇپ، ئۇنىڭ تىكىنى سانچىلغاندىن كېيىن، جاراھەت ئاقىرىشقا باشلايدۇ. كېيىن قىزىرىپ ئىششىيدۇ. ئاندىن كېيىن قاتتىق قىزىپ، چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ. ئاخىرىدا كىشى ھوشسىزلىنىپ ئۆلىدۇ. ئۇنىڭ زەھەرلىكلىكى يىلاندىن قېلىشمايدۇ.
گۈلسۇرۇقسىمان زەھەرلىك كۆك يۇيۇي بېلىقىنىڭ زەھەرلىك ئەزاسى، ئاساسلىقى دۈمبە ئۈزگۈچ قانىتىنىڭ 12 تىكىنى، ساغرا ئۈزگۈچ قانىتىنىڭ ئۈچ تىكىنى، قورساق ئۈزگۈچ قاناتلىرىنىڭ بىردىن تىكىنى ھەمدە تېرە پەردىسى ۋە زەھەر بەزلىرىنىڭ توقۇلمىلىرىدىن تەركب تاپىدۇ. بۇ خىل بېلىقلارنىڭ قىياپىتى يىرگىنچىلىك، شەكلى قورقۇنچلۇق، گەۋدىسى چوڭ بولۇپ، قويرۇقى ياپىلاقراق كەلگەن. بېشىدا رەتسىز ئاق داغلار بار. بېشى ئويمان - دوڭغۇل بولۇپ، تىكەنلىك ھۇررىكى يوغان كەلگەن. پۈتۈن تېنى قېلىن تېرە بىلەن قاپلانغان بولۇپ، رەتسىز ھۇررەكلەر بار. ئۇلار ساغۇچ قىزىل ياكى قۇڭۇر رەڭلىك بولۇپ، ئىككى يېنىدا ئۈچ تال قۇڭۇر توغرا بالداق بولىدۇ. بۇنداق بېلىقلار ئىسسىق بەلۋاغدىكى دېڭىز - ئوكيانلارغا تارقالغان. مەملىكتىمىزدىكى نەنخەي دېڭىزىدىمۇ بار. ئۇلار دائىم كامادا، سۇ ئاستى خادا تاشلىرىنىڭ ئارىلىقىدا، دېڭىز يۇسۇنى ئىچىدە ماراپ ياتىدۇ ياكى قۇم ئارىسىغا مۆكۈۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ شەكلى ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ئوخشاپ كەتكەچكە، ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 330 مىللمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلوگرام كېلىدۇ. تىكىنىدە كۈچلۈك زەھەر بولسىمۇ، لېكىن گۆشى مەززىلىك ، زەھەرلىك تىكەنلىرى ۋە زەھەرلىك بەزلىرى ئېلىپ تاشلانسا، يىگىلى بولىدۇ. (چېن چۈنفۇ)