UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېگىز ئۇچۇرۇلغان لەگلەك

ئەڭ ئېگىز ئۇچۇرۇلغان لەگلەك

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئۇچۇرۇلغان لەگلەك 10 مىڭ 830 مېتىرغا چىققان. بۇ رېكورتنى ئامېرىكىنىڭ ئىللىنويىس شتاتى گاريى شەھىرىدە 10 نەپەر ئوقۇغۇچى 1969 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ياراتقان. ئۇلار لەگلەكلەرنى بىر - بىرىگە چېتىپ، ئاندىن ھەممىسى بىللە ئۇچۇرغان. ئۇلار يەتتە سائەت ۋاقىت ھەپىلەشكەندىن كېيىن، لەگلەك كۆككە كۆتىرىلگەن. لەگلەكنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى دۇربۇنغا ئورنىتىلغان ئۈچ بۇرجەكلىك ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان. يەككە لەگلەكنى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇچۇرۇش رېكورتى 61 سائەت 30 مىنۇتقا يەتكەن (1973 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە).
← بارلىق تېمىلار ئاڭ