UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپ تېپىلغان سۇلفامىدلىق دورىلار

ئەڭ دەسلەپ تېپىلغان سۇلفامىدلىق دورىلار

دۇنيادىكى ئەڭلەر سۇلفامىدلىق دورىلار ھازىرقى زامان تىبابەتچىلىكىدە مىكروپقا قارشى ياللۇغنى قايتۇرۇشتا دائىم قوللىنىدىغان دورىلار بولۇپ، تۈرى ناھايىتى كۆپ، شۇنداقتىمۇ ئەڭ دەسلەپكى سۇلفامىدلىق دورىلا بۇياقلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، بۇ ياقلاردىن مىكروبقا قارشى ياللۇغنى قايتۇرۇشنىڭ ئاۋانگارتدىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئۆتمۈشى كىشىنى خېلى ئويلاندۇرىدۇ. سۇلفامىدلىق دورىلار دۇنياغا كېلىشتىن ئىلگىرى ، دوختۇرلار ياللۇغنى بولۇپمۇ تارقىلىشچان مېڭە پەردە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، قان يۇقۇملىنىش كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۆنۈملۈك دورا بولمىغانلىقتىن، دائىم ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالاتتى. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مىكرو بىئولوگىيە ئالىملىرى باكتېرىيىلىك رەڭ بېرىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر بەزى بوياقلارنىڭ باكتېرىيىنى يوقىتىدىغان رولىنى بايقىغان ئىدى.كېيىن نۇرغۇنلىغان بوياقلارنىڭ تەجرىبە نەيچىسىدە باكتىرىيىنى يوقىتىش رولى بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ بەدىنى زەھەرلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى مەلۇم بولغان. 1932 - يىلى گېرمانىيە خىمىيە ئالىملىرى پىرونتوسىل دېگەن قىزىل بوياقنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلەپ چىقتى. ئۇ دېزىنفىكسىيە رولىغا ئىگە بولغانلىقتىن، تىلما قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىپ، بىر قەدەر ئۈنۈم بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تەجرىبە نەيچىسىدە باكتىرىيىلەرنىڭ يوقىتىش رولى ئوچۇق ھەم مەلۇم بولمىغانلىقتىن، تىببىي ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىدى. شۇ يىلى گېرمانىيە بىئولۇگىيە ئالىمى دۇمارك ئازۇ بۇياقلارنى تەجرىبە قىلىش جەريانىدا پرونتوسلنىڭ گېمولىزلىق زەنجىرسىمغان شارچە باكتىرىسى يۇقتۇرۇلغان ئاق چاشقاننى داۋالاشتا يۇقۇرى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. كېيىن ئۇنى توشقان، ئىت ئۈستىدە تەجرىبە قىلىپ مۇۋەپپىقيەت قازانغان. دەل مۇشۇ چاغدا دۇماركنىڭ قىزىنىڭ قولى جاراھەتلىنىپ يۇقۇملىنىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قىزدا قان يۇقۇملىنىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ، ئۇن ئاتاقلىق دوختۇرلار داۋالاپ باققان بولسىمۇ ھېچبىر ئۈنۈم بەرمەيدۇ. دەمارك بىئارام بولۇپ، ئاخىر پرونتوسىلنى قىزى ئۈستىدە سىناپ كۆرىدۇ نەتىجىدە قىزى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. 1935 - يىلىنىڭ باشلىرىدا، دۇمارك ماقالە يېزىپ، پرونتوسنىڭ ئۈنۈمىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇ چاغدا نۇرغۇن ئالىملار بۇنداق بۇياقنىڭ تەجرىبە نەيچىسىدە باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بولماي، ھايۋانات ۋە ئادەمنىڭ بەدىنىدە مۇشۇنداق ناھايتى زور ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ ھايران قالىدۇ ۋە قايمۇقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنداق ئاجايىپ قىزىل بوياق ئۈستىدە ئارقىمۇ - ئارقا تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، گېرمانىيىلىك تېرىفور قاتارلىق كىشىلەر تەتقىق قىلىپ، يۇقۇرىدىكى بوياق بەدىنىدە سۇلفانىدغا ئاجرالغانلىقتىن، باكتىرىيىگە قارشى دېزىفىكسىيە رولىنى ئوينايدۇ،دەپ قارايدۇ. ئۇلار سۇلفامىدنى ھايۋانات ئۈستىدە تەجرىبە قىلىپ، زەنجىرسىمان شار باكتىرىيىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى پروستوننىڭكى بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇلفامىد دېگەن نام تىببىي ساھەدە تېزلا كەڭ تارقىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە سۇلفامىد 1908 - يىلىدىلا خىمىكلار تەرىپىدىن بىرىكتۈرۈلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ تىبابەتچىلىتىكى قىممىتى كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالمىغان. شۇڭا ئۇ 20 يىل ئۈن - تىنسىز جىمىقىپ كەتكەن ئىدى. سۇلفامىدلىق دورىلار ھازىرغا قەدەر يەنىلا دېزىنفىكسىيىدە مۇھىم قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. (فۇۋېيكاڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ