UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ قاتتىق دەرەخ

ئەڭ قاتتىق دەرەخ

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا پىچاق، پالتا ئۆتمەيدىغان بىر خىل دەرەخ بار، ئۇنىڭ ماتېرىيالى قاتتىق بولغانلىقتىن، ھەرىلىمەك، رەندىلىمەك تەس، پالتا بىلەن چاپقاندا، ئۇنىڭدىن ئوت يالقۇنلايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى تۆمۈر دەرەخ دەپ ئاتايدۇ. تۆمۈر دەرەخنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى شۇنچىلىككى، ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئېغىرلىقى 656 - 698 كىلوگرامغا يېتىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ تېشى سېرىق ياكى ئاق، ئوتتۇرىسى قوڭۇر ياكى توق سۆسۈن بولۇپ، ئىچى ئېچىلىپ قالسا، خۇددى تۆمۈردەك قارىداپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ «ئوتتۇرىسى قارا ياغاچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ دەرەخ دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. تۆمۈر دەرەخ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن بولۇپ، ئەسلى ھىندىستان، بىرما، تايلاند، ۋېيتنامغا ئوخشاش مۆتىدىل ئىسسىق بەلباغ رايونىدا ئۆسىدۇ. ئېلىمىزدىكى تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، يۈننەنلەردىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ ئۇنىڭ كېسەللىككە ۋە زىيانداش ھاشاراتلارغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان چىرىمايدۇ، تېز ئۆسىدۇ، ئىنتايىن ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئەلا سۈپەتلىك ھۈنەر - سەنئەت ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆي جاھازلىرى ياسىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ قاتتىق دەرەخ | UyghurWiki | UyghurWiki