شەھەر ئاشپۇزۇللىرىدا ئەڭ كۆپ قېتىم تاماق يېگەن ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھرىدىكى فىرىدماگىل، 60 دۆلەتتىكى 36 مىڭدىن ئارتۇق ئاشپۇزۇلدا تاماق يەپ، دۇنيا بويىچە شەھەر ئاشپۇزۇللىرىدا ئەڭ كۆپ قېتىم تاماق يېگەن ۋە تاماق تېتىپ كۆرگەن كىشى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە نيويوركنىڭ باغچا كوچىسىدىكى <قوشنىلار ئاشخانىسى> نىڭ تامىقى ئەڭ قىممەت ئىكەن. ئامېرىكا مىچىگان شتاتىنىڭ فرانگېنمۇز شەھرىدىكى <زېندىر> مېھمانخانىسىنىڭ تامىقى ئەڭ مول ئىكەن. ئۇنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان تامىقى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ چوڭ راكى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ بۆلدۈرگەن مۇرابباسى ئىكەن