باھاسى ئەڭ قىممەت ناسۋال قۇتىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
پارىژدىكى گالېرا سارىيى بىر قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك سودىدا بىر دانە ناسۋال قۇتىسىغا 825 مىڭ 570 فرانك باھا قويغان. بۇ دۇنيا بويىچە باھاسى ئەڭ قىممەت ناسۋال قۇتىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇتا ئالتۇن ۋە مىستىن ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 8.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 3 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇنى فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق زەرگىرى مېسسونېر 1728 - يىلى ياسىغان ھەمدە بۇ ئۇنىڭدىن قالغان بىردىن - بىر ناسۋال قۇتىسى ئىكەن.
بۇ ناسۋال قۇتىسى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئىسپانىيە پادىشاھى چارلىز Ⅱ نىڭ خانىمى مارېي ئاننى ئۈچۈن ياسىتىلغان ئىكەن.