UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ قەدىمقى رەڭلىك ئەينەك

ئەڭ قەدىمقى رەڭلىك ئەينەك

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرى گوتچە چېركاۋىنىڭ رەڭلىك ئەينەكلىرىدىن چۈشكەندە، چىركاۋ ئىچىنى قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، يېشىل، كۆك، سۆسىنە نۇر قاپلايدۇ. بۇچاغدا چېركاۋغا كىرسىڭىز ئۆزىڭىزنى گويا ھەسەن - ھۈسەن ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز. چېركاۋغا مەيلى كىرگەن كىشىلەر بولسۇن ياكى تائەت - ئىبادەت كۆرگىلى كىرگەن دىندارلار بولسۇن. بۇ چاغدا مۇشۇنداق مەنزىرە شاد - خۇراملىققا چۆمىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ رەڭگارەڭ نۇرلار چېركاۋنىڭ ھەيۋىتى، سۈكۈناتى ۋە مۇقەددەسلىك ھەيۋىسىنى ئاشۇرىدۇ. رەڭلىك ئەينەك قەدىمقى مىسىردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە تازا ئەۋج ئالغان. بۇنداق ئەينەك پارچە - پارچە ئۇششاق ئەينەكلەرنى دېرىزە كېشىكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ، قوغۇشۇن ئارقىلىق بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ ئورنىتىش يولى بىلەن ياسىلىدۇ. بۇنداق رەڭلىك ئەينەكلەر بەزىدە بەگ - غوجاملارنى سارايلىرىنىڭ دەرىزىلىرىگە ئاندا - ساندا ئورنىتلسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپى گوتچە چېركاۋلارغا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇ چېركاۋ قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. باشتا ئادەم سىزمىسىنىڭ ئازراق يېرىگە (ئالايلى يۈزى قاتارلىق قىسىمىغا) رەڭ بېرىلەتتى. 16 ئەسىرگە كەلگەندە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللەنگەنلىكى رەسىم ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، رەڭ بېرىدىغان جايلار بارغانسېرى كۆپەيدى. لېكىن بۇنىڭ بىلەن قۇياش نۇرى ئەينەكتىن ئاسانلىقچە ئۆتەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن، كېيىنكى رەڭلىك ئەينەكلەر بۇرۇنقىدەك سېھرىي كۈچكە ئىگە بولالماي قالدى. ھازىر مەلۇم بولۇشىچە، ئەڭ بۇرۇنقى رەڭلىك ئەينەك گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە دېگەن جايىدىكى ئوگبورگ چېركاۋىنىڭ دەرىزىلىرىگە سېلىنغان. چېركاۋ سارىيىدا رەڭلىك ئەينەكلىك دەرىزىلەردىن جەمئىي بەشى بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ رەڭلىك ئەينەكلەر 900 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەن. بۇ چېركاۋدىكى مۇھىم ئاسار ئەتىقىلەردىن رەڭلىك ئەينەكتىن باشقا يەنە مىس دەرۋازىمۇ بار. (ۋۇيەنخۇاڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ