ئەڭ قاتتىق شاۋقۇن
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بەزى دۆلەتلەر ئۇرۇش ئەسىرىنى شاۋقۇن بىلەن ئازابلىغان. ئۇلار باشقا ئەل جاسۇسلىرىنى يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي بىلەن «توپقا تۇتقان». ئاۋاز ئاغرىش چېكىدىن ئاشقاندا، جازالانغۇچىدا ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، جازالانغۇچى بىئارام بولىدۇ؛ ئارقىدىن پىكرى چېچىلىپ، روھىي ھالىتى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سوراقچى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەقىقىي ئاخبارات ئېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بەزى جازالانغۇچى ئۆز ئىرادىسىنى يەنىلا كونترول قىلىپ تۇرالىسا، ئۇ ھالدا، ئاۋاز يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جازالانغۇچى چىپ - چىپ تەرگە چۆمۈپ، پۈتۈن ئەزايى تارتىشىدۇ. ئاۋاز 130 دېتسېبىلدىن ئاشقاندا، جازالانغۇچى ۋارقىراپ كېتىدۇ، كۆزىنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولىدۇ، جازالانغۇچى تېپچەكلەپ تامغا ئۆزىنى ئۇرۇپ، ئۆلۈۋالماقچى بولىدۇ. مۇشۇنداق يۇقىرى شاۋنۇننىڭ زەربىسى ئاستىدا، نۇرغۇن ئەسىلەر قۇلاق ناغرا پەردىسى يىرتىلىپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن ھوشسىزلىنىپ ئۆلگەن. بۇ نېمە دېگەن دەھشەتلىك جازا _ ھە! تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ھايات قالغانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئوقتا ئۆلۈشكە رازىكى، «شاۋقۇن جازاسى» غا قايتا ئۇچراشقا رازى بولمايدىكەن.
شاۋقۇننىڭ دەرىجىسى ئاغرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇزاق مۇددەت شاۋقۇن ئىچىدە تۇرغان كىشى يەنىلا نەپەس سىستېمىسى، نېرۋا سىستېمىسى، قان ئايلىنىش سىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ نېرۋا سىستېمىسىنى نابوت قىلىشى ئاڭلاش سېزىمىنى نابۇت قىلىشتىنمۇ قاتتىقراق بولىدۇ. شۇڭا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1979 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى مۇھىت ئاسراش خىزمەت يىغىنىدا شاۋقۇننى زامانىمىزدىكى ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ چىدىغۇسىز ئاپەتلەر قاتارىغا كىرگۈزدى. ھازىرقى ۋاقىتتا سانائەت ۋە قاتناش - ترانسپورت ئىشلىرى تەرەققىي تاپقانلىقتىن، شەھەرلەردىكى شاۋقۇن 30 - يىللاردىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر نەچچە 10 ھەسسە ئاشقان. ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى شاۋقۇننىڭ دەرىجىسى 155 دىتسېبېلغا يەتتى. ئەگەر شاۋقۇننى تىزگىنلىمەي، يەنىمۇ كېڭىيىشى ۋە كەسكىنلىشىشكە يول قويۇلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا، ئۇ چوقۇم كەڭ كۆلەملىك «شاۋقۇن جازاسى» غا ئايلىنىپ، ئىنسانلار ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ. شۇڭا، شاۋقۇننى تىزگىنلەپ، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش دۇنيا پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. كىشىلەر مۇزىكىنى ياقتۇرۇپ، شاۋقۇندىن يىرگىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، «دېتسىبېل بويىچە ئەڭ» نى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە