UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېگىز چوققىنى ئەڭ بالدۇر بويسۇندۇرغان ئادەم

ئەڭ ئېگىز چوققىنى ئەڭ بالدۇر بويسۇندۇرغان ئادەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1953 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يېڭى زېلاندىيىلىك ئېدموند خىللارىي بىلەن شېرپا مىللىتىدىن (شېرپا: نېپاللىق ئاز سانلىق مىللەت تۈزگۈچىدىن) تېنزىڭ نوركاي تۇنجى قېتىم ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى ئارقىلىق، جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان. 22 يىلدىن كېيىن، 1975 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياپونىيىلىك ئايال تيەنبۇجىڭچۈنزى (35 ياش) ۋە شېرپا مىللىتىدىن جەنۇپ ئېتىكى ئارقىلىق جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان. 1960 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سائەت 4 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو تاققا چىقىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ فۇجۇ، گۇڭ بۇ ۋە چۈي يىنخۇالار تۇنجى قېتىم شىمالىي ئېتىكى ئارقىلىق جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان. 1975 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 14 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگولۇق ئايال پەندۇ (37 ياش) تۇنجى قېتىم شىمالىي ئېتىكى ئارقىلىق جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ