قارماققا ئىلىنغان ئەڭ چوڭ بېلىق
دۇنيادىكى ئەڭلەر
قارماق بىلەن بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارى ئامېرىكىلىق ئالفرىد. س. گلاسېر 1951 - يىلى ئاپرىلدا پېرۇنىڭ مانكورا دېڭىز قىرغىقىدىن ئېغىرلىقى 350 كىلوگرام كېلىدىغان بىر شەمشەر بېلىقنى قارماق بىلەن تۇتقان. شۇ چاغدا بۇ بېلىق دۇنيا بويىچە قارماق بىلەن تۇتۇلغان ئەڭ چوڭ بېلىق ھېسابلانغان. لېكىن ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە پېرۇنىڭ شىمالىدىكى ئاق تۇمشۇق دېگەن يەردىن ئېغىرلىقى 710 كىلوگرام كېلىدىغان بىر بېلىقنى قارماق بىلەن تۇتقان. بۇ بېلىق دۇنيا بويىچە قارماق بىلەن تۇتۇلغان ئەڭ چوڭ بېلىق ھېسابلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن دائىم پېرۇنىڭ دېڭىز ياقىسىدىن، بولۇپمۇ ئاق تۇمشۇق دېگەن يەردىن چوڭ بېلىقلارنى قارماق بىلەن تۇتقىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، پېرۇنىڭ ئاق تۇمشۇق دېگەن يېرى نىنىئو ئىسسىق ئېقىمى بىلەن ۋىنبوت سوغۇق ئېقىمى قوشۇلىدىغان جاي. شۇڭا ئاق تۇمشۇق ئەتراپىدىكى دېڭىز يۈزىدە بېلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپلا قالماي، بەلكى چوڭ بېلىقلارمۇ كۆپ. بۇ قارماق بىلەن بېلىق تۇتىدىغان نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنىڭ ئارقىمۇ - ئارقا بۇ يەرگە كېلىپ بېلىق تۇتۇش ھەۋىسىنى قوزغىغان. بۇ يەرنىڭ دېڭىز ياقىسىغا 9 - 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا شەمشەر بېلىق بىلەن ئالتۇن نەيزە بېلىق ئاز ئەمەس، ئۇ يەرگە قارماق بىلەن بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن بارغۇچىلار ھەرگىز قۇرۇق قول قايتمايدۇ، ھەر قاچان ئېغىر يۈك بىلەن قايتىدۇ.