ئەڭ زور سودا كېمىلىرى ئەترىتىگە ئىگە مەملىكەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە ئەڭ زور سودا كېمىلىرى ئەترىتىگە ئىگە مەملىكەت دېڭىز ترانسپورت مىقدرى ئەڭ زور بولغان ئامېرىكىمۇ ئەمەس، ئەڭ كۆپ كېمە ئىشلەيدىغان ياپونىيىمۇ ئەمەس، بەلكى غەربىي ئافرىقىدىكى لىبېرىيە، لىبېرىيىنىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان كېمىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇنداق كېمىلەر 2600 دىن ئوشۇق بولۇپ، تىزىمغا ئېلىنغان 80 مىليوندىن ئوشۇق تونناژنى قوشقاندا، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سودا كېمىلىرى ئەترىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن بۇ كېمىلەر ئىچىدە لىبېرىيىنىڭ ئۆز ئېلىدىكى كېمىلەر يوق دىيەرلىك، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كېمە خوجايىنلىرى ئۆز ئېلىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى كېمە بېجىدىن قېچىش ۋە ئۆز ئېلىنىڭ ئىش ھەققى يۇقىرىراق بولغان كېمىچىلىرىنى ياللىماسلىق ئۈچۈن، ئادەتتە كېمىسىگە ئۆز ئېلىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاسماي، بەلكى كېمىسىنى كېمە بېجى ۋە كېمىچىلەرنىڭ ئىز ھەققى تۆۋەنرەك بولغان لىبېرىيىگە ئوخشاش دۆلەتكە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، شۇ دۆلەتنىڭ بايرىقىنى ئاسىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ترانسپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلقئارا دېڭىز قاتنىشى رىقابىتىدە پايدىلىق ئورۇنغا ئىگە بولىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۇنيا بويىچە جەمئىي 150 دىن ئارتۇق دېڭىز قاتنىشى شىركىتى ئۆز كېمىلىرىنى لىبېرىيىگە تىزىمغا ئالدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، لىبېرىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارىخىي سەۋەبمۇ بار، بۇ دۆلەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ بايرىقىنى ئاسقاندا، ئەركىن، بىخەتەر قاتناشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. لىبېرىيىنىڭ دېڭىز قاتنىشى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ راۋاجلىنىپ، دۇنيادا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇۋالغان.