ئەڭ دەسلەپ تانكا ئىشلەتكەن دۆلەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى 1916 - يىلى 15 - سېنتەبردە فرانسىيىنىڭ سومما دەرياسى ئەتراپىدا گېرمانىيە بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى. ئەنگلىيە قوشۇنى پولاتتىن ياسالغان قاپ - قارا غەلىتە مەخلۇقتىن 11 نى بىردىنلا چىقاردى. بۇلار نېمىس ئارمىيىسىنىڭ ئىستىھكامىغا سائىتىگە ئالتە كىلومېتىر تزلىك بىلەن گۈلدۈرلەپ ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننى بىردەمدىلا تېرە - پېرەڭ قىلىۋەتتى. پىلىموت ۋە زەمبىرەكلەر ئورنىتىلغان، پولاتتىن ياسالغان بۇ غەلىتە مەخلۇق تانكا ئىدى.
19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا دايملېر تارىختا تۇنجى قېتىم يۇقىرى سۈرئەتلىك، ئىچىدىن يانىدىغان ماتورلۇق ئاپتوموبىلنى ياسىدى. ئەينى زاماندا پولات تاۋلاشنىڭ يېڭى تېخنىكىسى كەشپ قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پولاتتىن قۇيۇلغان بۇرما نولۇق زەمبىرەك ۋە پىلىموتنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار تانكىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا تېخنىكىلىق شەرت - شارائىت يارتىتىپ بەردى. تانكىنى ئەڭ دەسلەپ كىم تەتقىق قىلىپ ياسىغان؟ فرانسىيە، ئەنگلىيە، روسىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تانكىنى بىز ئىختىرا قىلغان دېيىشىدۇ. مەسىلەن، روسىيە مەشھۇر خىمىك مېندېلېيۋنىڭ كىچىك ئوغلى ۋاسلىي دىمتىرىيۋچ مېندېلېييېۋنى، فرانسىيە كاپىتان لېۋاسسيۇرنى، ئامېرىكا شافاۋبلوكنى، ئاۋستىرىيە بۇرىشتىننى تانكىنىڭ ئىختىراچىسى قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ۋەھاكازالار. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتى يېتەرلىك ئەمەس. ئەنگلىيە 1915 - يىلى ياسىغان «كىچىك ۋېلى» ناملىق تانكا («ئانا» ياكى «مارك » دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سومما رايونىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلدى، مانا بۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېتىراپ قىلغان، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت.
ئەنگلىيە تانكىنى سىناق قىلغان ۋە ياساپ چىققان ۋاقىت دەل بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، سىناق قىلىدىغان تانكىنىڭ گەۋدىسى بىلەن تەڭلىسى باشقا - باشقا زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن. شۇڭا ئەينى زاماندا كىشىلەر ئۇنى ئالدىنقى سەپنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ماتورلۇق «سۇ ساندۇقى» دەپ ئاتىغان. «تانكا» دېگەن سۆز ئىنگلىز تىلىدىكى «سۇ ساندۇقى» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ نام دۇنيا بويىچە ھەممە يېزىقتا دېگۈدەك بىر خىل «تانكا» دەپ قوللىنىدۇ.
ئەڭ دەسلەپتىكى تانكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىرچە، كەڭلىكى 4.2 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.68 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا 105 ئات كۈچىگە ئىگە بىر ماتور ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ ئەڭ زور تېزلىكى سائىتىگە ئالتە كىلومېتىرلا بولۇپ، ئېلىپ يۈرىدىغان يېقىلغۇسى ئاران 19 كىلومېتىر مېڭىشقا يېتىدۇ.
ئەنگلىيە تانكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سىنىقى گېزىتلەردە بىر مەھەل شاۋقۇن كۆتۈردى. لېكىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەنگلىيە، فرانسىيە، ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تانكا سانى ۋە تۈرى ناھايىتى ئاز ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جەڭ مەيدانىدا توپلانغان تانكا قىسىملىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ياسىغان «چاشقان» ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تانكا 188 توننا بولۇپ، ئالدى تەرىپىگە قاپلانغان پولاتنىڭ قېلىنلىقى 200 مىللىمېتىر ئىدى، شۇڭا بۇ تانكا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر تانكا ھېسابلانغان؛ 30 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئىككىلا ئادەم ئولتۇرىدىغان، ئېغىرلىقى 2.8 توننا كېلىدىغان كىچىك تانكا «T27» نى ياسىدى.