ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن تۇنجى موتۇرلۇق كېمە
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ماتورلۇق كېمە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بارغانسېرى نامامەن قىلىپ، ئىچىكى دەريالاردىن بارا - بارا دېڭىز - ئوكيانلاردا قاتناشقا ئۆتتى. ئامېرىكىنىڭ پار كۈچى بىلەن يۈرىدىغان «ساباننا» ناملىق كېمىسى 1819 - يىلى تونجى قېتىم ئامېرىكىدىن ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئەنگىلىيىگە بېرىپ، پار كېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرسەتتى. «ساباننا » ئاتلانتىك ئوكياننى جەمى 21 كۈن 11 سائەتتە توغرىسىغا كىسىپ ئۆتتى. لېكىن بۇ جەرياندا پار كۈچى بىلەن يۈرگەن ۋاقتى 85 سائەتلا بولدى. قايتقاندا پۈتۈنلەي يەلكەن بىلەن يۈردى. شۇڭا ئۇنى يەنىلا ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن تۇنجى پار كېمىسى دەپ ھېساپلىغىلى بولمايدۇ.
ئەنگىلىيىنىڭ «سىلىيۇس» ناملىق كېمىسى ئاتلانتىك ئوكياننى پۈتۈنلەي پار كۈچىگە تايىنىپ توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن كېمە ھېسابلىنىدۇ. «سىلىيۇس» 1838 - يىلى 4 - ئاپرېلدا ئىرلاندىيىنىڭ كۈنىچى (ھازىرقى كوبۇ شەھىرى)دىن چىقىپ، سائىتىگە ئوتتۇرىچە 6 دېڭىز مىلى تېزلىك بىلەن 18 كۈن 10 سائەت يۈرۈپ شۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ - جېرسى شىتاتىدىكى ساندى بۇرۇنىغا يېتىپ باردى. بۇنىڭغا مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن كوندېنسا تور ئىشلىتىپ، قازاندىكى سۇنى قايتا - قايتا ئىشلەتكىلى بولغانلىقتىن، تاتلىق سۇنىڭ سەرپىياتى زور دەرىجىدە كېمەيتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن پار ماشىنىسىنى ناملىق كېمىنى پار ماشىنىسىنى توختىماي ئىشلىتىپ ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن كېمە دەيمىز. (دېڭ يىجۇڭ)