UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتۇنجى قېتىم ئاۋازدىن تېز ئۇچۇش

تۇنجى قېتىم ئاۋازدىن تېز ئۇچۇش

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئاۋاز تېزلىكى ئاۋاز دولقۇنىنىڭ مۇھىتتا تارقىلىش تېزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاۋازنىڭ تېز ياكى ئاستا تارقىلىشى مۇھىتنىڭ خاراكتېرى ۋە ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: ئادەتتە ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ھاۋادا تارقىلىش تېزلىكى سېكۇنتىغا 340 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. «ئاۋازدىن تېز ئۇچۇش» دېگەننى ئاممىباب قىلىپ ئېتيقاندا، ئاۋاز تېزلىكىدىن تېز ئۇچۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ئىلىم - پەندىكى ئېنىقلىمىسى ماخ سانى بىر دىن چوڭ بولغان ئۇچۇشتۇر. ئاۋازدىن تېز ئۇچۇش بۈگۈنكى كۈندە ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ھازىر رىئاكتىپ ئايروپىلاننىڭ ئەڭ يۇقۇرى بولغان ئوتتۇرىچە ئۇچۇش تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 3 ھەسسىدىن يۇقۇرى بولۇپ، ئۇچۇش ئېگىزلىكى 30 مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ. لېكىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا رىئاكتىپ ئايروپىلان ھەقىقىي ئىشلىتىشكە باشلانغان دەۋردە تۇنجى قېتىم ئاۋازدىن تېز ئۇچۇش پەۋقۇلئاددە زور خەۋەر ھېسابلغان ئىدى. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 24 ياشلىق ئۇچقۇچىسى كاپىتان چارلېز ئېگىر 1947 - يىل 14 - ئۆكتەبىر كۈنى كالفورنىيە شىتاتىدىكى ئېدۋارد ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى بوشلۇقىدا ئامېرىكىنىڭ بىر زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن «SX -1» تىپىدىكى راكىتا ئايروپىلاننى ھەيدىدى. ئايروپىلان 12 مىڭ 800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەندە، ئېگېر 1.04 ماخ ئۇچۇش تېزلىكى بىلەن ئاۋازدىن تېز ئۇچۇشنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇندىدى. «SX -1» تىپىدىكى راكىتا ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسى ئاليومىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان بولۇپ، زەمبىرەك ئوقىغا ئوخشاپ كېتەتتى. بۇ ئايروپىلاننىڭ قانىتى قىسقا ۋە نېپىز بولغانلىقتىن، يەردىن ئۆزى كۆتۈرىلىيەلمەيتتى. شۇڭا ئۇچاغدا ئىككىنچى «B -29» تىپىدىكى ئايرۇپىلان ئۇنى ھاۋاغا تارتىپ چىقىپ ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇچالايتتى. بۇ ئايروپىلان ھازىر ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگىتون ئالەم بوشلۇقى قاتىنىشى مۇزىيىدا ساقلانماقتا. (گۇي يۇڭدىڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ