كىرىمى ئەڭ كۆپ باشلىق
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1964 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى خانلىقىنىڭ نېفىتتىن كىرگەن كىرىمى 2 مىليارد رويالتى بولۇپ، بۇنىڭ 12 پىرسەنتى خان ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلىدىكەن.
موربان نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن زائىد ئىبن سۇلتاننىڭ (1917 - يىلى تۇغۇلغان) بايلىقى 1963 - يىلى زور دەرىجىدە كۆپىيىشكە باشلىغان. 1966 - يىلى مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنىڭ كىرىمى 335 مىليون فرانكقا يەتكەن. ئەگەر بۇ پۇلنى مەملىكەت ئىچىدە كىشى بېشىغا تەقسىم قىلغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشىگە 16 مىڭ 750 فرانكتىن توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ھىندىستاننىڭ ھىندۇ شەھىرىدىكى سەردار ماخاراد راجى (1961 - 1908) - نىڭ يىللىق كىرىمى 25 مىليون فوند سىتىرىلىڭغا يەتكەن.
ھىندىستاننىڭ 554 بەگلىكىدىكى 279 نەپەر باشلىققا بېرىلگەن ھۆكۈمەت راسخوتى 1970 - يىلى 9 - ئايدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، ھەيدەر ئاباتتىكى نىزام (1967 - 1886) ۋاپات بولغاندا، 11 مىليارد 700 مىليون فرانك پۇلى بار ئىكەن.
ھازىر دۇنيا بويىچە كىرىمى ئەڭ كۆپ باشلىق كۈۋەيتنىڭ 11 - پادىشاھى ئابدۇللا ئاس - سالىم ئاس - سابا بولۇپ، ئۇنىڭ ھەپتىلىك كىرىمى 32 مىليون فرانك ئىكەن.