ئاز ئۇچرايدىغان پوچتا ماركىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيادا بىرىدىن - بىر ساقلىنىپ قالغان نۇرغۇنلىغان پوچتا ماركىلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئەنگلىيىگە قاراشلىق گىۋىئانانىڭ 1856 - يىلى ماگنتادا تارقاتقان بىر سېنتلىق ماركىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماركا ئەڭ دەسلەپتە 1873 - يىلى ل. ۋېرنون ۋائۇگخان دېگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئالتە شىللىڭغا سېتىۋېلىنغان، ھازىر ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت باھالىق ماركا بولۇپ قالدى.
1940 - يىلى ئارچۇرخىندخانىم بۇ ماركىنى 16 مىڭ ئاۋسترالىيە فونتستىرلىڭغا سېتىۋەتكەن. 1865 - يىلى بۇ پوچتا ماركىسىنى لوندون پادىشاھ ئائىلىسىنىڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش زالىدا كۆرگەزمە قىلىدىغان چاغدا ئىستراخۇانىيە ھەققىنى 200 مىڭ فونتسىتىلىڭ قىلىپ بېكىتكەن. 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى بۇ پوچتا ماركىسىنىڭ كېيىنكى ئىگىسى فرىدىرىك سىمالل ئەپەندى، نيو - يوركتىكى سېگىلدە بۇ ماركىنى ئىربىن ۋېبېرىگقا 360 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقان ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 1928 - يىلى خىندخانىم شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر پارچە پوچتا ماركىسىنى ئۇچراتقان بولۇپ، ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ئىكەن.