UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كۈچلۈك بومبا

ئەڭ كۈچلۈك بومبا

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1945 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە تاشلىغان ئىككى دانە ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش كۈچى تەخمىنەن 20 مىڭ توننا نىرىنىتروتولولنىڭ ياكى تېئىنت پارتلىتىش دورىسىنىڭ پارتلاش كۈچىگە باراۋەر كېلىدۇ. خىروسىما ئارىلىغا تاشلانغان بۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ ئىسمى <كىچىك ئوغۇل بالا> بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر، ئېغىرلىقى 4,080 كىلوگرام كېلىدۇ. 1961 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت سەككىزدىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى يەر ئارىلىغا تاشلانغان ئىسسىق يادرو باشلىق بومبىسى بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ كۈچلۈك بومبا ھېسابلىنىدۇ. پارتلاش كۈچى تەخمىنەن 62 مىليون 130 مىڭ توننا تېئىنت پارتلىتىش دورىسىنىڭ كۈچىگە تەڭ بولۇپ، زەربە دولقۇنى يەر شارىنى ئۈچ قېتىم ئايلانغان. بىرىنچى قېتىم ئايلىنىشقا 36 سائەت 27 مىنۇت ۋاقىت كەتكەن. بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پارتلاتقۇچ بومبىنىڭ پارتلاش كۈچى 68 - 98 مىليون توننا ئارىلىقىدا ئىكەن. 1961 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى خروششېۋ، سوېت ئىتتىپاقى 100 مىليون توننىلىق بومبا ئىشلەپچىقىرالايدۇ، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. 1963 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۇ يەنە شەرقىي بېرلىندا مۇشۇ شەكىلدىكى بومبىدىن بىرسى بار ئىكەن. مۇنداق زور كۈچكە ئىگە بومبا پارتلىتىلسا دىئامېتىرى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ئازگال ھاسىل قىلىدىكەن ھەمدە 58 - 64 كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىنى بىر پارچە ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرىدىكەن. ئوتتو.خاخىن فرتىزستراسسىمان ۋە لىسى مېتنېرىلار 1938 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يېڭى تورىي ئېلېمېنىتىغا قارىتا بىر قاتار تەجرىبە مۇھاكىمىسى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىققان. سوۋېت ئىتتىپاقى 1942 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى باشلىغان، ئەمما، دوكتۇر ئىكوركونتچاتوف 1945 - يىلى 12 - ئايدا بىرىنچى قېتىم زەنجىرسىمان رېئاكسىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ۋېنگىرىيە ماتېماتىكا ئالىمى دوكتۇر جوخىت ۋون نوۋمانىن (1903 - 1957) ۋە فىزىكا ئالىمى كائۇس ئېمىل جولىئۇس فۇچىس (1911 - يىلى گېرمانىيىدە تۇغۇلغان) لار يىغىلىش (فۇسئون) ۋە ۋودورود بومبىسىنى 1946 - يىلى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئامېرىكىدا كەشىپ قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ