UyghurWiki
UyghurWikiئاڭپاراشوتنى ئەڭ كېچىكتۈرۈپ ئاچقان ئادەم

پاراشوتنى ئەڭ كېچىكتۈرۈپ ئاچقان ئادەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1960 - يىلى 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى 32 ياشلىق جۇسېپ كىتتگېر ئامېرىكىنىڭ نيو - مىكسكو شتاتى تولا روسا شەھىرى ھاۋا بوشلۇقىدا 31 مىڭ 333 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شاردىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن. ئۇ تۆت مىنۇت 38 سېكۇنتتا 25 مىڭ 817 مېتىر پەسكە شۇڭغۇپ چۈشكەن، بۇ چاغدا نۆلدىن تۆۋەن 7°C سوغاقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇنىڭ پاراشوتى (دىئامېتىرى 8.5 مېتىر) يەر يۈزىگە 5,338 مېتىر قالغاندىلا ئاندىن ئېچىلغان، 13 مىنۇت 45 سېكۇنتتىن كېيىن يەر يۈزىگە چۈشكەن. بۇ شارغا <دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز يول> دېگەن خېتى بار بىر دانە لوزۇنكا ئېسىلغان ئىكەن. 1965 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پاراشوت بىلەن سەكرەشتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پاراشوتچىسى. ئۇ، گومىسالوۋا ئاياللارنىڭ پاراشوتنى ئەڭ كېچىكتۈرۈپ ئېچىشىدا رېكورت ياراتقان. ئۇ پاراشوتنى ئاچماستىن 14 مىڭ 96 مېتىر پەسكە چۈشكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ