جازا مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ھۆكۈم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1969 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىران سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئالدامچى جىنايەتچىگە چىقارغان ھۆكۈمى دۇنيا بويىچە جازا مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، جازا مۇددىتى ئوغرىلانغان مەبلەغنىڭ قىممىتىگە تەڭ قىلىپ بېكىتىلگەن، شۇڭا بۇ ئىككى جىنايەتچىگە 7,109 يىل قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.
1972 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئىسپانىيە ماجورچۇئىد ئۆلكىسى پالما شەھىرىدىكى گابرىئېل مارچ گاراندوس (22 ياش) 42 مىڭ 768 پارچە خەت - ئالاقىنى تارقاتمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا 384912 يىل قاماق جازاسى بېرىلىشنى تەلەپ قىلغان.
1899 - يىلى ئامېرىكىدا رىچارد خونېك دېگەن كىشى مەكتەپ مۇدىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ 1963 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى 84 يېشىدا ئازاد قىلىنغان. دېمەك ئۇ تۈرمىدە 64 يىل ياتقان. بۇ جەريانىدا 1904 - يىلى ئۇكىسىنىڭ 4 قۇرلا خەت يازغان بىر پارچە سالام خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشقا پەقەت ئىككى ئادەم ئۇنى يوقلاپ كەلگەن، 1904 - يىلى بىر دوستى كېلىپ يوقلىغان، 1963 - يىلى بىر مۇخبىر زىيارەت قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۇنى يوقلاپ كەلمىگەن.
مېكسىكا تەۋەلىكىدىكى جوئان كورونا ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق، 1970 -, 1971 - يىللىرى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ يوبا شەھىرىدىكى بومما دەرياسى ئەتراپىدا 25 نەپەر يېزا ئېگىلىك ئىشچىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ، 1973 - يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى فائىرفېلددا ئۈستى - ئۈستىگە 25 قېتىم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.