ياغاچ ئاياغ بويىچە ئەڭ
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ياغاچ ئاياغ ئويۇنى تىلغا ئېلىنسا، ياشىنىپ قالغان كىشىلەر رەڭ - رەڭ ياسىنىپ ھەرخىل ئويۇن كۆرسىتىدىغان ئارتىسلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئارتىسلار ياغاچ ئاياغنى دەسسەپ داقا - دۇمباق سادالىرى ئىچىدە باشقىلاردىن 1 چىدىن 3 - 4 چىغىچە ئېگىز تۇرۇپ قىزىق ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. مانا بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىغا كەڭ تارقالغان ياغاچ ئاياغ ياڭگىر ئۇسۇلى ۋە ياغاچ ئاياغ ئويۇنى. ھەريىلى باھار بايرىمى، يۈەنشياۋ بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا ياغاچ ئاياغ ئويۇنلىرى كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ.
قەدىمقى كىتابلاردا خاتىرلىنىشىچە، 300 - 400 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن يېغىلىق دەۋرىدە مەملىكىتىمىز ياغاچ ئاياغ ئويۇنى بولغان. بۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى ياغاچ ئاياغ ئويۇنى ۋە ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە دېيىشكە بولىدۇ.
ياغاچ ئاياغ ئويۇنى مەملىكتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا بويىچە نۇرغۇن ئەللەردىمۇ بار. ئىسپانىيىنىڭ نامۇر شەھىرىدىكى ئاھالە بۇنىڭدىن بىرقانچە يۈز يىل ئىلگىرى ياغاچ ئاياغ ئويۇنى ئويناشقا ماھىرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ياغاچ ئاياغ بىلەن ئۇچقاندەك يۈگۈرەلەيدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادى 1600 - يىلى يالپېرت دېگەن پادىشاھ بۇ شەھەرنىڭ باش نازارەتچىسىگە ئاتلىقمۇ، پادىمۇ ماڭغۇزماي بىر ئەترەت ئەسكەر ئەۋەتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئەقىللىق باش نازارەتچى مۇنداق بىر چارە ئويلاپ تېپىپتۇ: لەشكەرلىرىگە ياغاچ ئاياغ بىلەن بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپتۇ. پادىشاھ خۇشاللىدىن شۇ شەھەرنىڭ پىۋا بېجىنى كۆتۈرىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. بۇ بۇيرۇق پىۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق شەھەر ئاھالىسى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ زور ئىلتىپات بوپتۇ.
فرانسىيىنىڭ لاند ئۆلكىسىدىكى گاسكوندىنمۇ كىشىلەر ياغاچ ئاياغ ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بەزىلەر ھەرخىل خەتەرلىك ھەركەتلەرنى قىلىپ كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدىكەن. بىراق ئۇلار ياغاچ ئاياغ بىلەن مىڭىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلار تۇرغان يەر ئويمان، زەيكەش بولغانلىقتىن، ياغاچ بىلەن ماڭغاندا پۇتقا نەم ئۆتمەيدىكەن. شۇڭا ياغاچ ئاياغ بىلەن مېڭىش ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىقكەن.
يۇقۇرىدىكى سۆرەت نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۆلۈش - تىرىلىشىگە باقماي، نام - ئاتاققا بېرىلىپ كەتكەن كىنېس سىزار (لەقىمى چاۋلان) دېگەن ئەنگىلىيىلىك بىر يىگىت دۇنيا بويىچە ياغاچ ئاياغدا مېڭىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى رىكوردىنى يارىتىش ئۈچۈن ئېگىزلىكى 7.52 مېتىر كېلىدىغان ياغاچ ئاياغقا چىقىپ بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە قاراپ تۇرغان مەشۇقى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەنىكەن. لېكىن ئۇ چىمپىيونلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۇت سۆڭىكى، ئوقرەك سۆڭىكى ۋە قولىنىڭ بېغىشىنى سۇندۇرۇۋالغان. ئومۇرتقىسى قايرىلىپ كەتكەن. بۇنداق ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق نەتىجىسىدە، ياغاچ ئاياغ ئويونى ئويناشنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويغان.
ياغاچ ئاياغ ئويۇنى بويىچە مۇنداق بىر «ئەڭ» نى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.
فرانسىيىنىڭ لاند ئۆلكىسىدىن سىلۋان دونون دېگەن كىشى 1891 - يىلى ياغاچ ئاياغ بىلەن پارىژدىن 58 كۈن يول يۈرۈپ موسكىۋاغا كەلگەن. بۇنى ياغاچ ئاياغ بىلەن ئەڭ ئۇزۇن يول مېڭىش رېكوردى دېيىشكە بولىدۇ. (يۈي زۇيۈەن)