نىكاھتىن ئاجراشقاندا بېرىلگەن ئەڭ كۆپ راسخوت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئېدۋارت خودسون سېسىل بلاففېر خۇدسون خانىمغا ئاجرىشىش ھەققى ئۈچۈن 47 مىليون 500 مىڭ فرانك بەرگەن. بۇ، دۇنيا بويىچە نىكاھتىن ئاجراشقاندا بېرىلگەن ئەڭ كۆپ راسخوت ھېسابلىنىدۇ. بۇ قارارنى 1963 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئامېرىكا تېكساس شتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىدىكى ئائىلە ئىشلىرى مۇناسىۋىتى سوت مەھكىمىسى چىقارغان. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خودسون خانىمنىڭ مال - مۈلكى تەخمىنەن 70 مىليون فرانكتىن ئېشىپ كەتكەن.