ئادەم كۈچى بىلەن ھەيدىلىدىغان ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ كېيىنكى سۇ ئاستى كېمىلىرى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئەڭ دەسلەپكى سۇ ئاستى كېمىسىنى گوللاندىيىلىك كرېلىنىدېرب 1624 - يىلى ياسىغان. بۇ كېمە ئادەم كۈچى بىلەن ھەيدىلىدىغان ياغاچ سۇ ئاستى كېمىسى بولۇپ، كېمىنىڭ يۈزى مايلانغان تېرە بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭ پالاقلىرى پالاق تۆشۈكىدىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان بولۇپ، 12 پالاقچىنىڭ پالاق ئۇرۇشى بىلەن ئۇ بەش مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر نەچچە سائەت يول يۈرەلەيدۇ.
ئەڭ دەسلەپ جەڭ ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۇ ئاستى كېمىسىنى 1772 - يىلى ئامېرىكىلىق فۇسلېر لايىھىلىگەن. بۇ كېمە1775 - يىلى ياسىلىپ چىققان. ئۇ ئىدىشقا ئوخشاش بولۇپ، ئىچىدىكى ھاۋا يېرىم سائەت يۈرۈشكىلا يېتىدۇ، كېمە سۇ چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن سۇ ئاستىغا چۆكۈشتىن تاشقىرى، كېمە ئاستىغا يەنە ئېغىر قاداق تېشى ئېسىلغان، خەۋپ - خەتەرگە يولۇققاندا قاداق تېشىنى تاشلىۋېتىپ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ. بۇ خىل سۇ ئاستى كېمىسىنى بىر ئادەم پىرقىرىغۇچنى قولى بىلەن پىرقىرىتىش ئارقىلىق ماڭغۇزىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا، بۇ سۇ ئاستى كېمىسى سۇ مىناسىنى ئېلىپ ئەنگىلىيىنىڭ نيۇ - يورك پورتىدا تۇرغان «ئىكېر » ناملىق ھەربىي پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرىدۇ. بىراق باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىقتىن، مىنانىڭ ئوت ئېلىشى كېچىكىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىمىغان. شۇنداقتىمۇ بۇ سۇ ئاستى كېمىسى ئەڭ دەسلەپ جەڭگە قاتناشقان سۇ ئاستى كېمىسى ھېسابلىنىدۇ.
يەلكەن بىلەن ماڭىدىغان ئەڭ دەسلەپكى سۇ ئاستى كېمىسنى 1801 - يىلى ئامېرىكىلىق روبېرت فۇلتۇن فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە ياساپ بەرگەن. بۇ سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ گەۋدىسى سىگارغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6.89 مېتىر كېلىدۇ. كېمە گەۋدىسىنىڭ ئەڭ چوڭ دىئامېتىرى ئۈچ مېتىرغا يېقىن بولۇپ، ئىسكىلىتى تۆمۈردىن، قېپى مىستىن ياسالغان. بۇ كېمە سۇ يۈزىدە يەلكەن بىلەن ماڭىدۇ. سۇ ئاستىدا يۈرگەندە ياكى شامال چىقمىغاندا يەلكەننى يىغىشۇرۇپ قويۇپ، پېقىرغۇچىنى ئادەم كۈچى بىلەن پېقىرىتىش ئارقىلىق ماڭىدۇ. ئۇنىڭ تېزلىكى سائىتىگە ئىككى دېڭىز مىلى بولۇپ، ئۇ 8.9 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكەلەيدۇ. كېمىگە سىقىلغان ھاۋا قاچىلانغان بولۇپ، كېمىچىلەر سۇ ئاستىدا سەككىز سائەت تۇرالايدۇ. بۇ كېمىمۇ سۇ مىناسى ئېلىپ يۈرىدۇ. بىراق تېزلىكى بەك ئاستا بولغانلىقتىن، بۇ يەلكەنلىك سۇ ئاستى كېمىسىگە ناپالىئون ئەھمىيەت بەرمىگەن. ئادەم كۈچى بىلەن ھەيدىلىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى سۇ ئاستى كېمىسى شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇنىي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولغان مەزگىلدە ياسالغان «ھېنرى» ناملىق كېمە بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ئارمىسىنىڭ چارلېزتون پورتنى قورشىۋالغان قامىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن ياسالغان. ئۇ سەككىز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پار قازىنىدىن ئۆزگەرتىلىپ ياسالغان. كېمىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۈچ پالاقلىق پىقىرىغۇچ ئورنىتىلغان بولۇپ، ئادەم كۈچى بىلەن پىرقىرىتىش ئارقىلىق ماڭىدۇ. ئۇ سۇ مىناسىنى دۈشمەن پاراخوتىنىڭ ئاستىغا ئېلىپ كىرىپ، دۈشمەن پاراخوتىنى مىنا بىلەن پارتلىتالايدۇ. «ھېنىرى» ناملىك كېمە تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە سۇ ئاستىغا چۆككەندە، بىر ماتورلۇق كېمىدىن چىققان دولقۇنغا يولۇقۇپ ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتكەنلىكتىن چۆكۈپ كەتكەن. يالغۇز كېمە قوماندانلا قۇتۇلۇپ چىققان. قالغان كېمىچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن. «ھېنرى » ناملىك كېمە سۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن 1863 - يىلنىڭ بېشىدا يەنە چۆكۈپ كەتكەن. شۇ يىلى 15 - ئۆكتەبىردە جەنۇبىي ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى پولكوۋنىكى ھېنرى بۇ كېمىنى ئۈچىنچى قېتىم سىناق قىلىشقا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان. كېمىنىڭ بېشىغا سۇ بەك كۆپ ۋە بەك تېز كىرىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنىڭ بېشى دېڭىز ئاستىدىكى لايغا پېتىپ قېلىپ، ئۈچىنچى قېتىم چۆكۈپ كەتكەن. پۈتۈن كېمىچىلەر بېلىققا يەم بولغان. شۇنىڭ بىلەن «ھېنرى » ناملىق كېمىگە «سۇ ئاستى ئۆلۈك ساندۇقى» دېگەن لەقەم قويۇلغان. ئۇ ئۈچىنچى قېتىم سۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن قايتا قۇراشتۇرۇلغان. كېمىنىڭ بېشىغا خادا بىلەن پىستان چاقىدىغان سۇ مىناسى ئورنىتىلغان. 1864 - يىلى 27 - فېۋرالدا «ھېنرى » ناملىق كېمە «چارلېز تون » پورتىدىن يۇشۇرۇن ئۆتۈۋاتقاندا، شىمالىي ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پورتىنىڭ سىرتىدا تۇرغان ئۇرۇش كېمىسىگە ئۇچراپ قالغان. «ھېنرى» ناملىق كېمە بۇ چاغدا شىمالىي ئامېرىكا ئۇرۇش كېمىسىنىڭ قۇيرۇقىغا خادا ئارقىلىق پىستان چاقىدىغان سۇ مىناسى بىلەن ئۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن مىنا پارتلاپ، «ھېنرى» ناملىق كېمە بىلەن شىمالىي ئامىرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش كېمىسى بىراقلا ۋەيران بولغان.(شى خېچۈ ن)