ئەڭ تۆۋەن مەملىكەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
گوللاندىيىنىڭ رەسمىي دۆلەت نامى دىدېرلاندىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، قىسقارتىلىپ نىدېرلاندىيە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نام «تۆۋەن يەر» دېگەنلىك بولۇپ، گوللاندىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقىي ئەكس ئەستۈرىدۇ. گوللاندىيە ياۋروپانىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، غەرب بىلەن شىمال تەرەپلەردىن شىمالىي دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. رېيىن دەرياسى مۇشۇ يەردە دېڭىزغا قويۇلىدۇ. گوللاندىيىدە دەريا ۋە كۆللەر ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن تۆۋەن. ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 40884 كۋادىرات كېلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ 27% دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ. گوللاندىيە زېمىنىنىڭ تۆتتىن بىرىنىڭ دېڭىز توسمىلىرى ۋە دەريا قاشلىرى قوغداپ تۇرمىغان بولسا، گوللاندىيە زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شىمالىي دېڭىزنىڭ دولقۇنىدا غەرق بولغان. ئاھالىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى ماكانسىز بولاتتى. گوللاندىيە خەلقى ئارىسىدا :«دۇنيانى خۇدا ياراتقان بولسا، گوللاندىيىنى بىر ياراتتۇق» دەيدىغان مەردانە ماقال بار. دەرۋەقە، گوللاندىيە خەلقى ئەۋلاتتىن - ئەۋلاتقا دېڭىز بىلەن ئېلىشىپ، دېڭىزدىن يەر تالىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ زېمىنىنى ئاز - ئازدىن كېڭەيتىپ، ماختاشقا ئەرزىيدىغان نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەتنىڭ غەرب ۋە شىمالىدىكى دېڭىز بويلىرىدا ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 1800 كىلومېتىر كېلىدىغان زور دېڭىز توسمىسى بار. ئۇ قاتمۇ - قات مۇداپىئە لىنىيىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنى توسىمىنىڭ سىرتىدا قايتۇرىلىدۇ. دېڭىزنى قورشاپ ئېتىز بەرپا قىلىش ئىشى 13 - ئەسىردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن 7100 كۋادىرات كىلومېتىردىن ئوشۇق يەر ئېچىلغان. بۇ ئېچىلغان يەرلەر گوللاندىيىنىڭ ھازىرقى زېمىنىنىڭ بەشتىن بىر قىسىمغا دىگۈدەك توغرا كېلىدۇ. گوللاندىيىنىڭ سۇنى تىزگىنلەپ ئېتىز بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە زىيدېر - زى قۇرۇلۇشى ئەڭ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. (جياڭ چاڭيۈي)