UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئادەمگىياھلارنىڭ پادىشاھى

ئادەمگىياھلارنىڭ پادىشاھى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئادەمگىياھلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 1100 تۈرى بار، بۇلار دېڭىز - ئوكيانلارغا تارقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېيخۇا ئادەمگىياھسى (THELENO _ TAANANAS) ئەڭ چوڭ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 60 - 70 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئون سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئون سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن سەككىز سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 - 120 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا ئۇ «ئادەمگىياھلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ. مېيخۇا ئادەمگىياھسى ئۇزۇن كانايسىمان بولۇپ، ئارقىسىدىكى گۆشلۈك تىكىنى ناھايىتى زور بولىدۇ، ھەر 3 - 11 گۆشلۈك تىكەننىڭ ئۇلى تۇتاشقان بولۇپ، مېيخۇا گۈلىنىڭ بەرگىسىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «مېيخۇا ئادەمگىياھسى» دەپ ئاتايدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، تاشقى كۆرۈنۈشى ئاناناسقا ئوخشاپراق كەتكەنلىكى ئۈچۈن، «ئاناناس ئادەمگىياھسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېيخۇا ئادەمگىياھسى ناھايىتى چوڭ بولۇپلا قالماي، بەلكى گۆشى ئالاھىدە قېلىن ۋە يۇمشاق، ئۇ ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىن چىقىدىغان يېيىشكە بولىدىغان ئادەمگىياھلار ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى، شۇنىڭدەك جەنۇبىي ئوكياننىڭ ھەرقايسى قايلىرىدىن چىقىدىغان يېيىشكە بولىدىغان ئادەمگىياھلار ئىچىدىمۇ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، مېيخۇا ئادەمگىياھسى، خۇاڭخەي، بوخەي دېڭىزلىرىدىن چىقىدىغان تىكەنلىك ئادەمگىياھلارغا ئوخشاش، ناھايىتى يۇقىرى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، سىل بولۇپ قان تۈكۈرۈش، قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان قان ئازلىق، بالىلارنىڭ ياخشى ھەزىم قىلالماسلىقى. تۇتقاقلىق، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورا ياسىغىلى بولىدۇ، چەتئەللەردىكى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، مېيخۇا ئادەمگىياھسىنىڭ تەركىبىدە ئادەمگىياھ توكسىنى بولۇپ، ئۇنىڭ تازىلانمىغان ئېرىتمىسى بەزى ساركوما ۋە راكنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىيەلەيدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ