ھەيكىلى ئەڭ كۆپ ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە ئۆز ھەيكىلىنى ئەڭ كۆپ ساتقان ئادەم دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راپئىل تروجىللو (1891 - 1961) بولۇپ، 1960 - يىلى 3 - ئايدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2000 دىن ئارتۇق ھەيكىلى بار ئىكەن. ئەينى چاغدا سانت دومىنىكانىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىنى <تروجىللو چوققىسى> دەپ ئاتىغان. (ھازىر ئۇنى دۇئاترې چوققىسى دەپ ئاتايدۇ) ھەمدە بىر ئۆلكىنى <تروجىللو ئۆلكىسى> يەنە بىر ئۆلكىنى <تروجىللو ۋادىسى ئۆلكىسى> دەپ ئاتىغان. 1936 - يىلى پايتەختنىڭ ئىسمىنى <تروجىللو شەھرى> گە ئۆزگەرتكەن. 1961 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بۇرۇنقى ئىسمى سانتودومىنىگو ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1961 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تروجىللوزۇڭتۇڭ سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ كۈن 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سانتودومىنىگونىڭ بايرام كۈنى قىلىنغان.
خەلق تەرىپىدىن ھەيكىلى ئەڭ كۆپ ياسالغان كىشى لېنىن (1877 - 1924) بولۇپ، ئۇنىڭ يېرىم گەۋدىسى چۈشۈرۈلگەن ھەيكىلى ماۋزېدۇڭ (1893 - 1976)، خۇجژمىڭ (1890 - 1969) لارنىڭكىگە ئوخشاشلا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان.